UyghurMain Dictionary
نوساتىنگارا تاقىم ئاراللىرى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەرھىندۇنېزىيىنىڭ ئەڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئاراللار بولۇپ، ئۇ غەربتە بالىي ئارىلىدىن شەرقتىكى تىمور ئارىلىغا قەدەر بولغان لومبوك، سۇمبە ۋە سۇمبە، فىلورىس قاتارلىق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللار غەربتىن شەرققە 1600 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 90 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 7 مىليون 280 مىڭدىن ئاشىدۇ. نوساتىنگارا تاقىم ئاراللىرى جايلاشقان ئورۇن يەر پوستىنىڭ ئەڭ ھەرىكەتچان بەلبېغى بولۇپ، بۇ جايدا ھەرىكەتتىكى ۋولقانلار 20 دىن ئاشىدۇ. يەر تەۋرەش داۋاملىق بولۇپ تۇرىدۇ. نوساتىنگارا تاقىم ئاراللىرى مەمۇرىي جەھەتتىن ھىندۇنېزىيىگە تەۋە بولۇپ، بالىي، غەربىي نوساتىنگارا، شەرقىي نوساتىنگارا، غەربىي تىموردىن ئىبارەت تۆت ئۆلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.