UyghurMain Dictionary
نىم نولىرى
دۇنيا تارىخى
<گار نولىرى> دپەمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى رىم ھۆكۈمرانلىرى تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى يەتكۈزۈپ تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان چوڭ تىپتىكى سۇ باشلاش ئۆستىڭى. مىلادى 100-يىلنىڭ ئالدى - كەينىدە، پايتەخت رىمدا توققۇزدىن كۆپرەك سۇ يولى قېزىلغان. سۇ يولى تاغ - داۋاملاردىن ئۆتۈپ، ئويما جايلارغا كەلگەندە تاشتىن قوپۇرۇلغان ئەگمە نولاردىن ئۆتكەن. فرانسىيىدىكى نىم سۇ يولى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 50 نەچچە كىلومېتىركېلىدۇ، ئۇ مىلادىدىن 19 يىل ئىلەىرى ياسالغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى ۋە ئوبدان ساقلىنىپ قالغىنى گار دەرياسىنىڭ ئۈستىگە ياسالغان گار نوسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 275 مېتىر، ئېگىزلىكى 49 مېتىر كېلىدۇ. ئۇ يۇقىرى - تۆۋەن ئۈچ قەۋەت بولۇپ، تاش بىلەنئېگىپ ياسالغان (تۆۋەن قەۋىتى ئالتە، ئوتتۇرا قەۋىتى 11، يۇقىرى قەۋىتى 35). نۇنىڭ ئاستى - ئادەم ئۆتىدىغان كۆۋرۈك، ئۈستى - سۇ ماڭىدىغان كۆچۈمە. شۇ جايدىكى ھاك تاشلاردىن قوپۇرۇلغان. 1855 - 1966 يىللىرى رېمونت قىلىنغان.