UyghurMain Dictionary
نىكاھ چەكلىمىلىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شەرىئەتنىڭ نىكاھلىنىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى پرىنسىپال بەلگىلىمىلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە چەكلەنگەنلىرى (4 - سۈرىنىڭ 22 - دىن 52 - گىچە ئايەتلىرىگە قاراڭ) ئاساس قىلىنىدۇ. نىكاھ چەكلىملىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (1) قانداشلىق مۇناسىۋىتى؛ مۇسۇلمان ئەرلەر ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى بىۋاسىتە ياكى شىرەم قان سىستېمىسىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ؛ (2) قۇدا - باجىلىق مۇناسىۋەت: ئەمرىدىكى خوتۇننىڭ ياكى بۇرۇنقى خوتۇنىنىڭ ھۆرمىتى چوڭ تۇغقانلىرى ياكى قەدر - قىممىتى يوق تۇغقانلىرى بىلەن نىكاھلىنىش چەكلىنىدۇ؛ (3) بېقىش مۇناسىۋىتى: بىر ئانىنىڭ ئەمچىكىنى ئىمىپ چوڭ بولغان يىگىت بىلەن قىزنىڭ نىكاھلىنىشىغا بولمايدۇ؛ (4) بىنورمال جىنسىي مۇناسىۋەت: نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ياكى خالىيدا ئۇچراشقان يىگىت شۇ قىزنىڭ تۇغقانلىرى (ھەدە - سىڭىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ (ھەنبەلىيە، ھەنەفىيە ئىلمىي ئېلىملىرى ۋە شىئە مەزھىپىنىڭ شەرىئىتىدە شۇنداق بەلگىلەنگەن)؛ (5) بىر خوتۇنىنىڭ كۆپ ئەرگە تېگىشى: مۇسۇلمان ئايال بىر ۋاقىتتا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئەرگە تېگىشكە بولمايدۇ؛ (6) دىنىي ئېتىقاد: مۇسۇلمان ئەر كىشى ئىسلام دىنى، يەھۇدىي دىنى، خرىستىئان دىنى ۋە زاراتوسترا دىندىن باشقا دىندىكى ھەرقانداق ئايال بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ؛ مۇسۇلمان ئايال غەيرىي مۇسۇلمان ئەر بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ.