UyghurMain Dictionary
نەپەسلىنىش بۆلۈنمىسى
بىئولوگىيە
<نەپەسلىنىش كوئېففىنسېنتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ نەپەسلىنىش بۆلۈنمىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئۇلارنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مەسىلەن، بىر مولېكۇلا گلۇكوزا ئوكسىدلانغاندا نەپەسلىنىش بۆلۈنمىسى بىرگە تەڭ بولىدۇ. ماينىڭ ئوخشاش ھېسابلاپ چىقىرىلىدىغان نەپەسلىنىش بۆلۈنمىسى تەخمىنەن 0.7 ئاقسىل مولېكۇلىسىنىڭ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپرەك بولۇپ، ۋاسىتىلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق ھېسابلىغاندىكى نەپەسلىنىش بۆلۈنمىسى تەخمىنەن 0.8، ئادەم بەدىنىنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە سەرپ قىلغان ئوكسىگېن مىقدارى بىلەن نەپەسلىنىپ چىقارغان كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى مىقدارى ئارقىلىق ھېسابلاپ چىقىلغان نەپەسلىنىش بۆلۈنمىسى قىممىتى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەرقانداق بىر خىل نوقۇل ماددىدىن ھېسابلاپ چىقىلغان قىممەتكە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئادەملەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىستېمال قىلىدىغىنى قەنت، ماي ۋە ئاقسىللارنىڭ ئارىلاشمىسى بولۇپ، ھېسابلاپ چىقىلغان نەپەسلىنىش بۆلۈنمىسىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئورگانىزم ئېنېرگىيىسىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى قايسى خىل ماددىلار ئىكەنلىكىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ. ئەگەر ئېنېرگىيىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى قەنت خىلىدىكى ماددىلار بولسا، نەپەسلىنىش بۆلۈنمىسى بىرگە يېقىنلىشىدۇ؛ ئاساسلىق مەنبەسى مايلار بولسا مەسىلەن، دىئابېت (قەنت سىيىش) كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ نەپەسلىنىش بۆلۈنمىسى 0.7
گە يېقىنلىشىدۇ، شۇڭا نەپەسلىنىش بۆلۈنمىسىنىڭ ھېسابلىنىشى ئارقىلىق ئورگانىزمنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنى تەخمىنەن قىلىشقا بولىدۇ، ئوگانىزمنىڭ ئېنېرگىيە مېتابولىزم ئۈنۈمىنى ھېسابلاشنى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مۇۋاپىق تەمىناتىنىڭ دەلىلى قىلىشقا بولىدۇ.