UyghurMain Dictionary
نەپەسلىنىش
بىئولوگىيە
ئورگانىزمنىڭ تاشقى مۇھىت بىلەن گاز ئالماشتۇرىدىغان پۈتۈن جەريانى. بىر ھۈجەيرىلىك ھايۋانلارنىڭ ھۈجەيرىسى تاشقى مۇھىت بىلەن بىۋاسىتە گاز ئالماشتۇرۇپ ئوكسىگېن گازى ھۈجەيرىگە بىۋاسىتە كىرىپ ھۈجەيرىنىڭ ئوكسىدلاش مېتابولىزمىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ؛ ھۈجەيرە ھەسىل قىلغان كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى تاشقى مۇھىتقا بىۋاسىتە تارقىتىۋېتىلىدۇ. كۆپ ھۈجەيرىلىك ھايۋانلارنىڭ بەدەن ئىچىدىكى ھۈجەيرىلىرى تاشقى مۇھىت بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشمايدۇ. ئورگانىزمنىڭ تاشقى مۇھىت بىلەن گاز ئالماشتۇرۇشى نەپەسلىنىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلىنىدۇ. مەسىلەن، ھاشاراتلار پۈتۈن بەدىنىگە تارقالغان كاناي سىستېمىسى ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ، بېلىقلار ژابرا بىلەن، يېشىل پاقا ئۆپكە ۋە تېرىسى بىلەن نەپەسلىنىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار بولسا، پۈتۈنلەي ئۆپكىسى ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ. نەپەسلىنىش يەنە سىرتقى نەپەسلىنىش ۋە ئىچكى نەپەسلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئالدىنقىسى قاندىكى گازلار بىلەن تاشقى مۇھىتتىكى گازلارنىڭ ئالمىشىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ، كېيىنكىسى قان سۇيۇقلۇقى توقۇلما ھۈجەيرىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى گاز ئالماشتۇرۇش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن ئادەتتە ئېيتىلىۋاتقان نەپەسلىنىش سىرتقى نەپەسلىنىشنى كۆرسىتىپ توقۇلما ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوكسىگېن سەرپ قىلىپ كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى ھاسىل قىلىش جەريانى بولسا، توقۇلما نەپەسلىنىشى ياكى بىئولوگىيىلىك ئوكسىدلىنىش (<بىئولوگىيىلىك ئوكسىدلىنىش> قا قارالسۇن) دېيىلىدۇ. نەپەسلىنىش رولى ئارقىلىق ئورگانىزمنىڭ مېتابولىزمغا كېرەكلىك ئوكسىگېن گازى تولۇقلىنىپ، مېتابولىزمدا ھاسىل بولغان كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىلار ئۆز ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىلىپ ئورگانىزم مېتابولىزمنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. ئادەم بەدىنى تىنچ ۋاقىتتا مىنۇتىغا 16 قېتىم نەپەسلىنىدۇ. گاز ئۆتۈش مىقدارى 6 - 8 لىتىر بولىدۇ، ئەمگەك ياكى ھەرىكەت قىلغان چاغدا گاز ئۆتۈش مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ مىنۇتىغا 70 لىتىردىن ئارتىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئورگانىزم ھەرىكىتىنىڭ ئېھتىياجى قانائەتلەندۈرۈلىدۇ.