UyghurMain Dictionary
ناز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئەركىلىك؛ يۈز، قاش، كۆز جىلۋىسى:
ئېتىپ شەكلىنى يۈز تۈمەن ناز ئىلە،
تۇرۇپ كۇھكەن ئۆزرە ئاغاز ئىلە.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئەركىلمەك، نايناقلىماق؛ گۈزەللىك، نەپىسلىك؛ مەغرۇرلۇق؛ ساختىلىق؛ مول.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
لەرزان خۇلق، ئەركىلىك.
ناز قىزغا يارىشا، غاز كۆلگە. قىزى بارنىڭ نازى بار. ساھىبجامالنىڭ جىلۋىسى جاننى ئالىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
باشقىلارغا يېقىش ئۈچۈن يۈز - كۆزنى ئوينىتىپ قىلىنغان يەڭگىل ھەرىكەت، ئەركىلىك.
ناز قىلماق.