UyghurMain Dictionary
نابۇت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۈتۈنلەي يوق بولماق (قىلماق)، پاچاقلاپ تاشلىماق.
«قىلماق»، «بولماق»، لار بىلەن پېئىللىشىدۇ.
ساختىپەزنىڭ گۇم بولمىغىنى يوق. يالغانغا ئىشەنگەن ھەقىقەت ئالدىدا گۇمران بولار. دۈشمەننىڭ سۇيىقەستلىك پىلانى ھىيلىسى كۇمپەيكۇم قىلىندى. ھوشۇڭنى تاپ، بولمىسا، ھەقىقەت گۈرزىسى كۇكۇم - تالقا قىلۋېتىدۇ. كىشىگە قەست قىلماقچى بولغان يەر بىلەن يەكسان بولسۇن. دۈشمەنلەر قاتتىق زەربىدىن تىرىپىرەن بولۇپ قاچتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
يوقالغان، ھالاك بولغان، ۋەيران بولغان.
نابۇت بولماق. نابۇت قىلماق.