UyghurMain Dictionary
نابوپولاسسار
دۇنيا تارىخى
(؟ - مىلادىدن ئىلگرىكى 604) يېڭى بابىلون پادىشاھلىقى (چالدې پادىشاھلىقى) غا ئاساس سالغۇچى (مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 626 - 604). ئۇ ئەسلىدە چالدېلار (سەمىتلەر) قەبىلىسىنىڭ يولباشچىسى بولۇپ، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بابىلونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى بولغان. مىلادىدىن 626 يىل ئىلگىرى ئاسسۇرىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، بابىلون شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا يېڭى بابىلون پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغان. مىلادىدىن 612 يىل ئىلگىرى مىدىيە پادىشاھى كىياكسار (مىلادىدىن تەخمىنەن 625 - 585 يىل ئىلگىرى تەختتە بولغان) بىلەن بىرلىشىپ ئاسسۇرىيىنىڭ پايتەختى نىنېۋىيە شەھىرىنى تارتىۋالغان؛ مىلادىدىن 605 يىل ئىلگىرى يەنە كاركېمىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنى يوقاتقان. ئۇنىڭ زېمىن دائىرىسى مېسوپوتامىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى، سۈرىيە، پەلەستىن ۋە ئەرەبىستاننىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بابىلوندا ئۆلۈپ، ئورنىغا ئوغلى نېبۇچاد نېززار Ⅱ ۋارىسلىق قىلغان.