UyghurMain Dictionary
مىخائىل فېدوروۋىچ
دۇنيا تارىخى
(1596 - 1645) روسىيە چار پادىشاھى (1613 - 1645). رومانوۋ خاندانلىقىغا ئاساس سالغۇچى. ئىۋان Ⅵ بىلەن فيودور ئىۋانوۋىچدىن ئىبارەت ئىكى چار پادىشاھنىڭ تۇغقىنى بولغان رومانوۋ جەمەتىگە مەنسۇپ، روسىيە بويىچە تۆرىلەر يىغىنى چار پادىشاھ قىلىپ سايلىغان. ئۇچاغدا 16 ياشتا بولۇپ، تۇغقىنى سالىتكوۋ بىلەن چېركاسكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ جەمەت ئۇنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشىغا ياردەملەشكەن. 1619-يىلى پولەكلەرگە ئەسىرگە چۈشكەن ئاتىسى (ئارخېئېپىسكوپ) فىلارېتنى قايتۇرۇپ كېلىپ بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئاتىسى دىنىي ۋە دەھرىي چوڭ ھوقۇقىنى يالغۇز ئۆزى تۇتقان. 1633-يىلى ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆلگەن. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەركىزي ھاكىمىيەتنى كۈچەيتكەن، دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان، ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، يەرلەرنى ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرگە ئىنئام قىلىپ بەرگەن ھەمدە يانچىلىق تۈزۈمىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىر يۈرۈش پەرمانلارنى ئېلان قىلپ، قاچقۇن دېھقانلارنى قوغلاپ تۇتۇپ كېلىش يىل چەكلىمىسىنى ئەسلىدىكى 10 يىلدىن 15 يىلغا ئۇزارتقان. 1615-يىلى پىسكوۋ ئەترپىدا شۋېتسىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. 1617-يىلى شۋېتسىيە نوۋگورودنى روسىيىگە قايتۇرۇپ بەرگەن، بىراق فىنلاند قولتۇقىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى جايلارنى يەنىلا بېسىۋالغان. 1618-يىلى پولشانىڭ موسكۋاغا قىلغان ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلغان. 1632-يىلى ئۇرۇش يەنە پارتلاپ، روسىيە ئارمىيىسى ئوڭىشسىزلىققا ئۇچرىغان. 1634-يىلى روسىيە - پولشا سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزلاىنىپ، سىمولېنىسىك قاتارلىق ئىشغال قىلىۋېلىنغان رايونلارنى پولشاغا بۆلۈپ بەرگەن.