UyghurMain Dictionary
مىخاي تانچىچ
دۇنيا تارىخى
(1799 - 1884) ۋېنگرىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى. ۋېنگر يانچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياشلىق مەزگىلىدە پومېشچىك قورۇقىدا ياللانما ئىشچى ۋە توقۇمىچى بولغان. 19 - ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ياۋروپانى كېزىپ چىقىپ، ئىلغار ئىدىيە بىلەن ئۇچرىشىپ، خەلقنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى چۈشىنىپ، ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچىغا ئايلانغان. دېھقانلارنى شەرتسىز ئازاد قىلىشنى، يەرنى دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىشنى، ۋېنگرىيىنىڭ دېموكراتىيە ۋە مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ماقالە يېزىپ ئاۋسترىيە ھابسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئەكسىيەتچىل دائىرىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، كۆپ يىل قاماقتا ياتقان. 1847-يىلى 2-ئايدا بۇداپېشتتا تۇنجى ۋېنگرىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللىگەن، <ئىشچىلار گېزىتى> چىقىرىپ، ئىنقىلابىي ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغان. پېشت ۋە دېبرېتسېن ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبرلىك قىلغان. 1848-يىلى باھاردا تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 3-ئاينىڭ 15-كۈنى پېشت قوزغىلاڭچىلىرى تەرىپىدىن ئازاد قىلىنىپ، ئارقىدىنلا كۈرەشكە ئاتلانغان. شۇ يىلى 6-ئايدا ۋېنگرىيىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك مىلىي پارلامېنتتىكى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان، بۇ مەزەىلدە دېھاقنلارنىڭ مەنپەئىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، دېھاقنلار كۈرىشىنى قوللىغان، مىللىي پارلامېنتىكى سولچىلار ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 1868-يىلى ۋېنگرىيە ئىشچىلىرى باش ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان.