UyghurMain Dictionary
مۇئتەزىلىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
Ⅷ ئەسىردىن Ⅻ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئسىلام دىىنىڭ دىنىي پەلسەپە ئېقىمى بولۇپ، بۇنى غەرب ئالىملىرى راتسىئونالىزمچىلار دەيدۇ. <مۇئتەزىلىيە> دېگەن بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <بۆلۈنگۈچى> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇنىڭدا دەسلەپ سىياسىي كۈرەش ۋە دىنىي مەسىلىدە بىتەرەپ پۈزىتسىيىسىدە بولغان مۇسۇلمانلار كۆزدە تۇتۇلغان. Ⅹ ئەسىردىن ئېتىبارەن، سۈننىي مەزھىپىدىكى ئۆلىمالار Ⅷ ئەسىردىن Ⅹ ئەسىرگىچە بەسرە ۋە باغداتتا جانلىنىپ كەتكەن ئەقىلچىلىك تەپەككۇر ئۇسۇلى بىلەن دىنىي ئەقىدە مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئەركىن مۇھاكىمە قىلغان مۇتەپەككۇرلەرنى <مۇئتەزىلىيە> دەپ كەمسىتتى ھەمدە ئۇلارنى ئاللانىڭ <توغرا يولى> دىن ئايرىلغان، <بۆلۈنگۈچىلەر> دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن، بۇ ئېقىم ئۆزىنى <ئاللانىڭ بىرلىكىنى تونۇغۇچىلار، ئادالەتتە چىڭ تۇرغۇچىلار> دەپ ئاتىدى. شۇڭا <ئەھلى تەۋھىدلەر>، <ئادالەتچىلەر> دېدى. بەسرەدىكى ئىسلام ئۆلىماسى ۋاسىل بىننى ئاتا (698 - 748) بىلەن ئەمىر بىننى ئۇبەيد (699 - 762) بۇ ئېقىمنى Ⅷ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قۇردى. ئۇلار بەسرەدىكى مەشھۇر مۇھەددىس ھەسەن بەسىرە (642 - 728) نىڭ شاگرىتلىرى بولۇپ، ئۇستازنىڭ ئىنساندا ئىرادە ئەركىنلىكى بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ھەسەن بەسرە شەرىئەت ھۆكۈمى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: مۇسۇلمان ئەگەر <گۇناھى كەبىر سادىر قىلسا، گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. مۆمىنلىكتىن مەھرۇم بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئادەم ئاللاغا، پەيغەمبەرگە ۋە >قۇرئان كەرىم< گە ئىمان ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ گۇناھى ئىمانغا نۇقسان يەتكۈزمەيدۇ.> لېكىن، ۋاسىل بىننى ئاتا ۋە ئەمىر بىننى ئۇبەيدە: <گۇناھى كەبىر سادىر قىلغۇچى> مۆمىنمۇ ئەمەس، مۇرتەدمۇ ئەمەس بەلكى، <ئىككىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئورۇندا تۇرىدۇ> دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇستاز ۋ شاگىرتلار ئوتتۇرىسدا پىكىر ئىختىلابى پەيدا بولغاچقا، ئىككى شاگرىت ئۇستازدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئالدىغا يول تۇتقان. ئۇلار شۇ چاغدىكى قەدەرىيىلەرنىڭ ئىرادە ئەركىنلىكى نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، دىنىي ئەقىدىنى ئەركىن مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ئىزاھلاپ، سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئىلمىي تەۋھىدى بىلەن ئوخشىمايدىغان ئېقىمنى بەرپا قىلدى.
مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ ئەقىدە تەلىماتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى مۇنداق ئىككى دەۋرگە ئايرىشقا بولىدۇ: (1) ئۇمەۋىيە سۇلالىسى دەۋرى. بۇ ئېقىمدىكى ئاساسلىق ئۆلىمالار ۋەز ئېيتىش، مۇنازىرلىشىش ۋە دەرس ئۆتۈش ئارقىلىق ئىدىيىۋى تەشەببۇسىنى تەرغىب قىلدى. ئىلمىي تەۋھىد مەسىلىسىدە ئىدىيىۋى قاراشلىرى پەرقلىق بولغاچقا، بىرلىككە كەلگەن تەلىمات شەكىللەنمىدى. دىنىي ئىدىيە جەھەتتە. بۇ ئېقىمدىكى زور كۆپ سانلىق ئۆلىمالار جەبرىيەچىلەرنىڭ ئىنساننىڭ ياخشى - يامان ھەرىكەتلىرىنى ئاللا پېشانىسىگە پۈتۈۋەتكەن بولىدۇ، دەيدىغان تەشەببۇسىغا قارشى تۇرۇپ، ئىنساننىڭ ئىرادە ئەركىنلىكى ۋە ئىدراك ئەركىنلىكىنى تەتبىق قىلىپ دىنىي ئەقىدە ئۈستىدە ئەركىن مۇھاكىمە قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. سىياسىي جەھەتتە بۇ ئېقىم ئىسلام دىنىدىكى بىر - بىرىگە قارشى سىياسىي مەزھەپلەرگە قارىتا بىتەرەپلىك پوزىتسىيىسىنى قوللىنىپ، ئۇمەۋىيە سۇلالىسىغا قارشى تۇرغان خاۋارىجلار، شىئە مەزھىپى قاتارلىقلارنى تەنقىدلىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوللاپ، خەلىپە يەزىد Ⅱ (720 - يىلىدىن 724 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ۋە مەرۋان Ⅱ (744 - يىلىدىن 750 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولۇپ، ئورنى كۈنسايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. لېكىن بۇ ئېقىمدىكى ئاز سانلىق رادىكال ئۆلىمالار ئاللانىڭ بىرلىكى توغرىسىدىكى قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئاللانى ئىنسانغا ئوخشىتىپ سۈپەتلىشىنى ئىنكار قىلىپ، ئادەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ھېسسىياتىغا ئازار يەتكۈزدى. سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇتەكەللىمۇنلار تەرىپىدىن <بىدئەتلەر> دەپ قاتتىق ئەيىبلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە سىياسىي جەھەتتە ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى خەلىپىنى سايلاش تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بۇ ئېقىمدىكى رادىكال ئۆلىمالاردىن قاتتىق مۇداپىئە كۆردى. بۇ ئېقىم ئاساسلىقى بەسرە، باغداتلاردا پائالىيەت قىلىپ، پۈتكۈل ئىراققا تارقالدى. ئۇلارنىڭ تەلىماتى ئالدى بىلەن ئۆلىمالار، زىيالىيلار تەبىقىسىدە، ئاندىن كېيىن شەھەر ئاھالىسى قاتلىمىدا ۋە شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئومۇملاشتى. (2) ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە مۇئتەزىيلىيەلەر ناھاىيىتى زور تەرەققىي قىلىپ، بىر مەھەل يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىگەن دىنىي ئېقىم بولۇپ قالدى. بۇ ئېقىمنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى ئەبۇ ھۇزەيل (752 - 849) ئىمان توغرىسىدىكى بەش ئاساسىي پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ئېقىمنىڭ ئىلمىي تەۋھىد سىستېمىسىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى سالدى. ئىلمىي تەۋھىدكە مۇناسىۋەتلىكڭ مەسىلىلەرنى شەرھىلەشتە پەرقلىق بولغاچقا، بەسرەچىلەر ۋە باغداتچىلاردىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ كەتتى. ئەبۇ ھۇزەيل، نەززام (؟ - 584)، ئەل جاھىز (؟ - 869) لار بەسرەچىلەرگە، ئىبنى مۇرتەمىر (؟ - 825)، ئەل مۇئەممەر (؟ - 840) باغداتچىلارغا ۋەكىللىك قىلدى. ئۇلار گرىك پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ تەسىرگە ئۇچراپ، سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەقىدىسىگە قارشى تۇرۇپ، دىنىي ئەقىدىنى راتسىئونالىزملىق ئىدىيە بىلەن دەلىللەپ، <ئىدراك ئىماننىڭ ئالىي پرىنسىپى> دېگەن ھۆكۈمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئاددىي ئەقىدىسىنى سېستىمىلاشتۇرۇپ، نەزەرىيىلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللەبۇ ئېقىم ئەينى چاغدا تارقالغان مانى دىنىنىڭ ئىككى مەنبەچىلىكى ۋە خرىستىئان دىنىنىڭ ئۈچلۈك بىر تەلىماتىنىڭ ئىسلام دىنىغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە قارشى تۇرۇپ، ئاللانىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئېتىقادىنى قوغدىدى. ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مەئمۇن (813 - 833) سىياسىي ۋە دىنىي ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ تەلىماتىنى بەك ماختىدى. بۇ ئېقىمدىكى فەقىھ ئىبنى ئەبى دۇرد (776 - 854) نى قازىلىققا تەيىنلەپ، بۇ ئېقىمنىڭ تەلىماتىنى شەرىئەت ۋاستىسى بىلەن كېڭەيتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ئېقىم بىر مەھەل روناق تېپىپ، تەلىماتى كەڭ تارقىلىپ، ۋە تەرەققىي قىلىپ، سۈرىيە ۋە ئىراننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يېتىپ باردى. مەئمۇندىن كېيىن تەختكە چىققان مۇئتەزۇم (833 - يىلىدىن 842 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) بىلەن ۋەشىق (842 - 846 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) بۇ ئەقىدىگە داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، سۈننىي مەزھىپىگە زىيانكەشلىك قىلدى. خەلىپە ئەل مۇتەۋەككىل (847 - يىلىدىن 861 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ ئىككىنچى يىلى مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ تەلىماتىنى شەرىئەتكە زىت دەپ، ئەنئەنىچىلەرنىڭ نوپۇزىنى يېڭىباشتىن تىكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. Ⅹ ئەسىردە ئەل ئەشئەرى (873 - 935) مۇئتەزىلىيەدىن ئايرىلىپ، مۇئتەزىلىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ كۈچلۈك رەقىبى بولۇپ قالدى. كېيىن ئەشئەرىيە ۋەكىللىكىدىكى سۈننىي مەزھىپىنىڭ تەلىماتى يەنى يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىدى. Ⅻ ئەسىردە مۇئتەزىلىيە تەشكىلىي شەكىل جەھەتتىن يوقىغا بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەلىماتى ئىسلام دۇنياسىدا داۋاملىق تارقىلىپ، سۈننىي مەزھىپىگە ۋە شىئە مەزھىپىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلام ئىدىيە تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىدى.
مۇئتەزىلىيەنىڭ دىنىي پەلسەپە ئىدىيىسى دەسلەپكى مەزگىلدىكى قەدەرىيەنىڭ ئىرادە ئەركىنلىكى نەزەرىيىسىگە ۋارىسلىق قىلدى. قەدىمكى گرېك پەلسەپىسىنىڭ راتسىئونالىزمىنى قوبۇل قىلدى. يېڭى ئەپلاتونىزمىنىڭ <تېشىپ چىقىش تەلىماتى>، ئارىستوتېلنىڭ لوگىكا ئىلمى ۋە پىفاگورچىلارنىڭ <روھ نەزەرىيىسى> بىلەن ئىسلام دىنى ئەقىدىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، <قۇرئان كەرىم> نى ئىدراك قارىشى بىلەن تەپسىر قىلىپ، ئىلمىي ھەدىس ۋە فىقھە مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، راتسىئوناللىق ئىدىيىۋى خاھىشقا ئىگە دىنىي پەلسەپە ئىدىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇئتەزىلىيە <ئىسلام دىنىدىكى ئاددىي ئېتىقادنى چوڭقۇر پەلسەپىگە ئايلاندۇردى>. بۇ ئېقىمنىڭ ئورتاق تەلىماتى مۇنداق: (1) دۇنيانىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدىكى ئىدراكنى يادرو قىلغان تەلىماتنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ ئېقىم دۇنيانىڭ مەنبەسى ئاللا ئىكەنلىكىنى، جىمى مەخلۇقاتلارنى ئاللا ياراتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. لېكىن، ئاللانىڭ يارىتىشى ئىدراك ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئاللا ھەممىدىن بۇرۇن يالغۇز دۇنيا ئىدراكىنى ياراتتى، دۇنيا ئىدراكى مەنىۋىيەتنى ۋە ئىنساننىڭ روھىنى ياراتتى. دۇنيا مەنىۋىيىتى ئۆزىگە خاس سۈپەت ئارقىلىق دەسلەپكى ماددىلارنى يارىتىپ، ئۇلارنى ئوخشىمىغان ھەر خىل شەيئىلەرگە ئايلاندۇردى. بۇ شەيئىلەر ئىدراك ئاتا قىلغان ھەر خىل شەكىللەرنى پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلىپ، تەبىئەت دۇنياسىنى ھاسىل قىلدى. ئىدراك دۇنيادىكى مەۋجۇداتلارنىڭ جىسمىنى ياراتتى. سۈپىتىنى ياراتمىدى. شەيئىلەرنىڭ سۈپىتى شەيىئلەرنىڭ جىسمى ئارقىلىق بارلىققا كەلدى. بۇ ئېقىم سىرتقى دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. جىمى شەيئىلەر باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى بولغان ۋاقىتتا ۋە چەكلىك بوشلۇقتا مەۋجۇت بولىدۇ. نۇرغۇن شەيئىلەردىن تەبىئەت دۇنياسى ھاسىل بولىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدا يەتتە قات ئاسمان بولىدۇ. ھەر قات ئاسماندا يۇلتۇزلارنىڭ ئورنى بولۇپ، ئۆز ئالدىغا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى شەيئىلەر ئاللا ئىدراك ئارقىلىق ياراتقان تۆۋەن دەرىجىلىك، پاسسىپ يارىتىلغۇچىلاردۇر. ئىنسان ئالىي دەرىجىلىك يارىتىلغۇچىدۇر. ئاللا تەبىئىي جىسىم (بەدەن) گە ئىگە ئىنساننى يارىتىپلا قالماستىن، ئادەمگە مەنىۋى جىسىم (روھ) ئاتا قىلدى. ئىنساننىڭ روھى بەدىنىنىڭ ماھىيىتىدۇر. روھ بولسا ئىدراكنىڭ مەھسۇلىدۇر. شۇڭا ئىنسان ئىدراكنى ئۆزىنىڭ ماھىيىتى قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. (2) ئاللانىڭ مۇتلەق بىرلىكىنى تونۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ ئېقىم سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئاللا ئەسلىي زاتىدىن باشقا، بىلىش سېزىمى، ئىقتىدار، تۇرمۇش، ئىرادە، تىل، ئاڭلاش سېزىمى ۋە كۆرۈش سېزىمى قاتارلىق ئاۋۋىلى يوق سۈپەتلىرى توغرىسىدىكى تەشەببۇسىغا قارشى تۇرۇپ، ئاللادا ئۆز زاتىدىن باشقا، ئىنسانغا ئوخشايدىغان ھېچقانداق سۈپەتلەر مەۋجۇت ئەمەس. ئەگەر ئاللاغا ئۆز زاتىدىن باشقا سۈپەتلەر قوشۇلسا، ئاللانىڭ بىرلىكىگە نۇقسان يېتىپ، مۇشرىكلىككە ئېلىپ، بارىدۇ، دەپ قارىدى. بۇ ئېقىمنىڭ قارىشىچە، ئاللا بىردىنبىر ئالىي رەببىمىزدۇر. ئۇنىڭ زاتى جۈپسىزدۇر. ئەسلىي زات بىلەن سۈپەتنى ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئاللانىڭ ئەسلىي زاتى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللانىڭ سۈپىتى ئاللا زاتىنىڭ ھەر خىل ئالامەتلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللانىڭ سۈپىتى ئاللانىڭ ئەسلىي زاتىغا بېقىنغان بولىدۇ. ئاللا ۋاقىتتىن، بوشلۇقتىن ۋە ھەرىكەتتىن ھالقىپ مۇستەقىل مەۋجۇت بولىدۇ. جىمى مەۋجۇداتتىن ھالقىغان ساپ روھى مەۋجۇدىيەتتۇر. ئۇنى كونكرېت شەيئىلەرنىڭ سۈپىتى بىلەن ئوخشاتقىلى ۋە چەكلىگىلى بولمايدۇ. ئاللانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش داۋامىدا تونۇشقا بولىدۇ. ھېس قىلىش ياكى كۆرۈش ئارقىلىق تونۇغىلى بولمايدۇ. (3) ئىنساننىڭ ئىرادە ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدى. بۇ ئېقىم سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئىنساننىڭ ياخشى - يامان ھەرىكەتلىرىنى ئاللا پېشانىگە پۈتۈۋەتكەن دېگەن تەشەببۇسىغا قارشى تۇرۇپ، ئاللا <ئادىل> دۇر. ئىساننىڭ ياخشى - يامان ئىشلارنى قىلىشىنى ئاللا ئالدىن بېكىتىپ قويمايدۇ. ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئەركىن بولىدۇ. ئىنسان ھەرىكىتىنى ئۆزى يارىتىدۇ. ئاللا ئىنسان ھەرىكىتىنىڭ ياخشى ياكى يامانلىقىغا قاراپ مۇكاپاتلاشنى ياكى جازالاشنى بېكىتىدۇ. ئەگەر ئىنساننىڭ ياخشى - يامان ھەرىكىتىنى ئاللا پۈتۈۋەتكەن بولسا، ئاندىن كېيىن ياخشىلىقنى مۇكاپاتلاپ، يامانلىقنى جازالىسا، بۇ ئاللانىڭ <ئادىل> لىقى بىلەن سىغىشالمايدۇ، دەپ قارىدى. لېكىن، بۇ ئېقىم مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاللا ئىنساننىڭ كونكرېت ھەرىكىتىنى ياراتمىدى. لېكىن، ئىنسغانغا ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى تاللىۋېلىشنى ئاتا قىلدى. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ياخشىلىق ياكى يامانلىقنى تاللىۋېلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. ئىدراك - ئىنسان ئىرادە ئەركىنلىكىنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئىدراكتىن ئايرىلسا، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولىدۇ. ئىنساننىڭ ياخشىلىق ياكى يامانلىق بىلەن مەشغۇل بولۇشى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ نىيىتىگە ۋە مەقسىتىگە باغلىق بولىدۇ. ئىنسان ئىدراكتىن مەھرۇم بولسا، ئىنساندا يامان ئىدراكتىن مەھرۇم بولسا، ئىنساندا يامان نىيەت پەيدا بولىدۇ - دە، يامانلىق قىلىشتىن خالىي بولالمايدۇ. ئىنسان ئىدراكقا تايىنىپ كۆڭلىدىكى يامان نىيەت بىلەن كۈرەش قىلسا، يامانلىقتىن خالىي بولۇپ، ياخشىلىقنى جارى قىلدۇرالايدۇ. شۇڭا ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك. (4) ئىدراك - دىنىي ئېتىقادنىڭ مىزانى ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلدى. ئىدراك بىلەن ئېتقادنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدە بۇ ئېقىم سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئىدراكتىن ئېتىقاد ئۈستۈن تۇرىدۇ، دەيدىغان كۆز قارىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئىدراك - ئېتىقادنىڭ ئالىي مىزانىدۇر. ئاللاغا <چىن ئېتقاد قىلىش> قارىغۇلارچە بويسۇنۇش ئەمەس، بەلكى بىلىم ۋە ئىدراك ئاساسىدا بولۇشى كېرەك. ئىدراك - ئېتىقادنىڭ دەلىلى ۋە ئاساسىدۇر. ئىدراكنى ئېتىقادنىڭ دەلىلى قىلغاندا، ئاللانى ھەقىقىي تونۇش ۋە ئاللاغا <قەتئىي ئىشىنىش> كە يەتكىلى بولىدۇ، قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلىش ئىنساننى مۇشرىكلىكنىڭ تۇيۇق يولىغا كىرگۈزۈپ قويىدۇ، دەپ قارىدى. بۇ ئېقىمنىڭ قارىشىچە، ئىدراك - تونۇشنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى تەكشۈرۈشنىڭ ۋە ياخشى - يامان ھەرىكەتلىرىگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆلچىمىدۇر. ئىدراك پرىنسىپىدىن ئايرىغاندا دىننىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يەتكىلى بولمايدۇ. بۇ ئېقىم بىلىمنى دىن، پەلسەپە ۋە ئىلىم - پەندىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا ئايرىلدى. (5) <قۇرئان كەرىم> يارىتىلغان دېگەن تەلىماتنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ ئېقىم سۈننىي مەزھىپىنىڭ <قۇرئان كەرىم> باشلىنىشى يوق مەڭگۈلۈك ئاللانىڭ تىلى توغرىسىدىكى تەشەببۇسىغا قارشى تۇرۇپ، ئاللانىڭ باشلىنشىى يوق، ئاللا يالغۇز مەۋجۇت بولىدۇ. <قۇرئان كەرىم> نى ئاللا ياراتقان. ئاللا <قۇرئان كەرىم> دىن بالدۇر مەۋجۇت، ئەگەر <قۇرئان كەرىم> نىڭمۇ باشلىنىشى يوق دەپ قارالسا، ئاللا بىلەن ئاللا ياراتقان <قۇرئان كەرىم> نى تەڭ قىلىپ قويغانلىق بولىدۇ، بۇنداق قىلىش مۇشرىكلىككە ئېلىپ بارىدۇ. ئاللانىڭ بىرلىكىگە نۇقسان يەتكۈزىدۇ، دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ ئېقىم ئەقىدىنى دەلىللىگەندە بار بىلەن يوق، بىر بىلەن كۆپ، چەكسىز بىلەن چەكلىك، ھەرىكەت بىلەن جىملىق، ئوخشىشىپ كېتىش بىلەن پەرقلىنىش قاتارلىق كاتېگورىيە چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلاردا ئاددىي دىئالېكتىكا ئامىللىرى مەۋجۇت بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئىلمىي تەۋھىدىگە لوگىكىلىق تەپەككۇرنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى كىرگۈزدى. مۇئتەزىلىيە تەشەببۇس قىلغان ئەقىل ئەلاچىلىقى ۋە ئىرادە ئەركىنلىكى پرىنسىپى، بىلىمىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەركىن مۇھاكىمە قىلىشتەك ئىلگىرىلەش روھى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلام ئىلمىي مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.