UyghurMain Dictionary
مۇئتە غازىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 962 - يىلى قوشۇن ئەۋەتىپ سۈرىىنىڭ چېگرىدكى شەھىرى مۆئتەگە ھۇجۇم قىلغان ئۇرۇش. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىننى تەرغىب قىلىش ئۈچۈن بەسرەگە ئەۋەتكەن ئەلچىنى شۇ رايوندا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بېقىۋالغان ئوغلى زەيدنى قوشۇن باشلاپ جەڭ قلىشقا ئەۋەتىدۇ. لېكىن، تارمار قىلىندۇ. زەيد بىلەن يەنە سەركەردە - جەئفەر بىننى ئەبۇ تالىپ ۋە ئابدۇللا بىننى رەۋەخە شېھىت بولىدۇ. خالىد بىننى ۋەلىد قالدۇق قوشۇننى باشلاپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ مەدىنىگە قايتىپ كېلىدۇ.