UyghurMain Dictionary
مۇسكۇل بوغۇمى
بىئولوگىيە
بەدەندىكى مۇسكۇللارنىڭ تۈزۈلۈش بىرلىكى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلار ھاسىل قىلغان مۇسكۇل پاسىلى (دىئافراگمىسى) ئارقىلىق بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. تۆۋەن دەرىجىدىكى خوردىلىق ھايۋانلار مەسىلەن، زىخچە بېلىق، يۇمىلاق ئېغىزلىقلار ۋە بېلىقلار بەدىنىنىڭ ئىككى يېنىدىكى مۇسكۇللىرى بوغۇملىنىپ تىزىلغان بىر قاتار مۇسكۇل بوغۇملىرىدىن تەركىب تاپقان. قوش ماكانلىقلاردىن يۇقىرى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ روشەن مۇسكۇل بوغۇملىرى پەقەت تۆرەلمە مەزگىلىدىلا كۆرۈلىدۇ.