UyghurMain Dictionary
مۇشتۇمزور
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۈچ - تەسىر ۋە بايلىقىغا تايىنىپ باشقىلارغا زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىدىغان.
ئانىي، بوزەك
قارشىلىق كۈچى ئاز، قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان.
ئانىينى تاپسام، بۇرنىغا يىپ ساپسام. بوزەكنى بوزەك ئەتمىسەڭ قىيامەتتە سورىقى بار. مۇشتۇمزور ئاخىر مۇشت ئاستىدا ئۆلىدۇ. يەر ئىسلاھاتىدا زومىگەرلەر كۈرەشكە تارتىلىپ، قالپاق كىيدۈرۈلگەن، قولغا ئېلىنغان، قامالغان، ئېتىلغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
تارس. يوقسۇل، نامرات، كەمبەغەللەرنى رەھىمسىزلەرچە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان، ئىزىدىغان، زوراۋان.
دۆلەت ئەركانى بۇزۇلۇپ، قانۇن - ياساق ئىشتىن چىقماقتا، مۇشتۇمزورلار غۇلغۇلا كۆتۈرۈپ دۆلەتنى مالىمانچىلىققا سالماقتا، پېقىرنىڭ يۈرىكى مۇجۇلۇپ يانجىلماقتا.