UyghurMain Dictionary
مۇشرىك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاللاغا شېرىك قوشقۇچى، ئاللانىڭ تەڭدىشى بار دېگۈچى، دىنسىز:
جەھاندىن يوق ئەيلەپ چۇ خۇنخارى،
كى مۇشرىك ئىلە بارچە ئەغيارنى.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاللا تائالاغا شېرىك قوشقۇچى، ئاللانىڭ تەڭدىشى بار دېگۈچى، دىنسىز.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «كۆپ ئىلاھقا ئېتىقاد قىلغۇچى» دېگەنلىك بولىدۇ. (1) بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلار ئىسلام دىنىدا شۇنداق دېيىلىدۇ. ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلىرى «مۇشرىك» دېگەندە خرىستىئانلارنى ۋە كۆپ ئىلاھقا چوقۇنغۇچىلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. (2)ئىسلام دىنىنىڭ ئىچىدە مازار - ماشايىخلارغا،ۋەلى - ئەۋلىيالارغا تېۋىنىدىغانلارنى ۋەھھابىلار «مۇشرىكلەر» دەيدۇ.