UyghurMain Dictionary
مۇراجىئەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش _ ھەرىكەتنى قىلشقا ئۈندەپ چىقىرىلغان تەكلىپ، ئۆتۈنىچ.
ۋەتەننىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوش. تۇرمۇشقا، كىشلەرگە ئاكتىپ پوزىتىسيە تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ب د ت يۇگۇسلاۋىيىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تەلەپ، ئۆتۈنۈش.
بۇيرۇق، ئەمر، پەرمان، يارلىق
ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئىجرا قىلىش شەرت بولغان يوليورۇقى، قارارى، تاپشۇرۇقى.
باشلىقنىڭ ئىلتىماسىمۇ بۇيرۇق. بۇيرۇق چۈشتى - ئىش پۈتتى. خاننىڭ ئەمرىدىن خوتۇننىڭ بۇيرۇقى كۈچلۈك. ئەدەبتىن ئەمىر ئەلا. بارنىڭ ئىشى پەرمان بىلەن، يوقنىڭ ئىشى ئارمان بىلەن. يارلىق چۈشسە يەردە قالماپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ھاجەت يۈزىسىدىن بىراۋغا ئېيتىلىدىغان سۆز، ئۆتۈنۈش، ئىلتىماس.
مۇراجىئەت قىلماق. ئاغزاكى مۇراجىئەت.