UyghurMain Dictionary
مۇراد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تىلەك، مەقسەت، ئارزۇ:
مۇراد ھۇسۇلى كېرەك تاشلا گىردى راھەتدىن،
مۇراد چۆرەسىدىن ئۇشلا ئاندادۇر سەمەرات.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىستەلگەن نەرسە، ئىرادە قىلىنغان، مەقسەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېرىشىش، ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتقان نەرسە.
<غەرەز> سەلبىي مەنىدە.
مەقسەتكە يېتىشنىڭ ئاچقۇچى - سەۋرچانلىق. ئالدىرىغان مۇرادىغا يەتمەس. قىلمىسا داۋاملىق ھەقىقىي ھەرىكەت، ئاشمايدۇ ئەمەلگە ھېچ مۇراد - مەقسەت. كۆڭۈل تىلىگەن مۇرادىغا يەتسە كىشى، يار بارچە مۇرادىدىن كەچسە كىشى، بۇ ئىككىسى مۇيەسسەر بولمىسا مۇندا، باشنى ئېلىپ، ھايقىرىبان كەتسە كىشى. موللىنىڭ مۇددىئاسى بىسمىللاسىدىن مەلۇم. جاۋابىدىن مەلۇم بولىدۇ دانا، ئاڭا ئاچار جامال، ئارزۇ مۇددىئا. غەرەزدىن غەرەز تۇغۇلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەقسەت، مۇددىئا، ئارزۇ.
مۇراد تاپماق. مۇرادىغا يەتمەك.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئە
مەقسەت، ئارزۇ، ئىرادە، پىلان
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
مۇرات-مەقسەتلىك ياكى ئارزۇ قىلىنغان بالا. باشقا شەكىللىرى: مۇرادبەگ، مۇرادباي، مۇرادجان، مۇرادخان.