UyghurMain Dictionary
مۇبالىغە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
نەرسە ۋە ھادىسىلەرنى ئىپادىلەشتە ئەسلىدىكى قىياپىتىنى ئاشۇرۇپ، چوڭايتىپ تەسۋىرلەش. مۇبالىغە گەرچە ئەسلىدىكى پاكىتتىن يىراقلاشقان بولسىمۇ، لېكىن پاكىت بىلەن ئىچكى باغلىنىشتا بولۇپ، نەرسە - ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىۋېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئەسەر ياكى نۇتۇقنى جەزىبلىك كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. مۇبالىغە قىلىش ئەسەر خاراكتېرىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. مۇبالىغە كلاسسىك ئەدەبىياتتا، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا، ئېپوسلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.
مەسىلەن: «ئۇ قىز شۇنداق گۈزەل ئىدىكى، ئۇ كۈلسە تەڭرىمۇ كۈلەر ئىدى، ئۇ يىغلىسا تەڭرىمۇ يىغلار ئىدى.»
(«ئوغۇزنامە»)
ئاھ ئۇرسا ئالەمنى بۇزار تاۋۇشى،
توقسەن مالنىڭ تېرىسىدىن كاۋۇشى.
تىكىلسەم قۇرۇيدۇ دەريانىڭ گۇمى،
نەرە تارتسام، غۇلار قورغاننىڭ تېمى.
(«ئالپامىش»تىن)
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مۇبالىغە، كۆپتۈرمە، ئاشۇرما، چوڭايتىپ كۆرسەتمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆز دەرىجىسىدىن ئاشۇرۇپ سۆزلەش.
مۇبالىغە قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئەدەبىي ئەسەرلەردە مۇبالىغە بولىدۇ. كۆپتۈرمە پاراڭ بىر ئۆتىدۇ، ئىككى ئۆتمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئاشۇرۇش، كۆپتۈرۈش؛ لاپ.
مانا مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆڭلى - كۆكسىنى ۋە مېھرىنى دېڭىزدەك چوڭقۇر دېسە ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ.
<ئەد> ئوبيېكتىپ شەيئى ياكى ھادىسىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي ھالىتىدىن ئاشۇرۇپ ياكى كىچىكلىتىپ ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە.