UyghurMain Dictionary
مۇباھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
رۇخسەت قىلىنغان ئىش، راۋا؛ قىلسا ساۋاب، قىلمىسا يامان بولمايدىغان ئىش.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قىلسا - قىلمىسا ساۋاب ياكى يامىنى بولمايدىغان ئىش، ھالال ياكى ھارام بولمىغان نەرسە؛ ئاتنىڭ ئېتى مۇباھدۇر(دىنىي قاراشتا)؛ رۇخسەت قىلىنغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <رۇخسەت قىلىنغان> دېگەنلىك بولۇپ، رۇخسەت قىلىنغان ياكى مۇھىم بولمىغان ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى بەش خىل ھەرىكەت قائىدىسىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شىئە مەزھىپىدىكى فەقىھلەر <قۇرئان كەرىم> دە ئېنىق رۇخسەت قىلىنمىغانلىكى بولسا، ئۇ چەكلەنگەن ۋە جازالىنىدىغان ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ، دەپ قاراپ، مەجبۇرىيەت خاراكتېرلىك بىلەن چەكلەنگەن ۋە جازالىنىدىغان ھەرىكەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قائىدىنى ئىنكار قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
شەرىئەتتىكى سەككىز ئەمەلنىڭ بىرى، يەنى قىلسا - قىلمىسا گۇناھمۇ بولمايدىغان، ساۋابمۇ بولمايدىغان ئىشلار.