Uyghur←ChineseMain Dictionary
مېستسولار
تارىخ
梅斯帝素人
méi sī dì sù rén
دۇنيادىكى مىللەتلەر
梅斯蒂素人
méi sī dì sù rén
مېستسولار <مېتسىلار>، <ئىندى - ياۋروپا ئارىلاشما قانلىقلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئاساسەن ئىندىئانلار بىلەن ياۋروپالىق كۆچمەنلەر قان سىستېمىسىدىن ياكى ياۋروپالىقلار بىلەن نېگىرلار، مالايلار قان سىستېمىسىدىن بولغان بولۇپ، نوپۇسى تەخمىنەن 39 مىليون، ئاساسەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى چىلى، كولومبىيە، سالۋادور، ھوندۇراس، ئېكۋادور، پاراگۋاي، مېكسىكا، نىكاراگۇئا، پېرۇ ۋە ۋېنېسۇئىلا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئولتۇراقلاشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېكسىكا، پاراگوۋاي، ۋېنېسۇئېلادا ئولتۇراقلاشقانلىرى كۆپرەك بولۇپ، مېكسىكا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 55 پىرسەنتىنى، پاراگۋاي ئاھالىسىنىڭ 97 پىرسەنتىنى، ۋېنېسۇئىلا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 70 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
ئۇلار ئاساسەن يېزا ئىگىلىك ۋە ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
بەزىلەر نېگىرلار بىلەن ئاقتەنلىكلەر، ئىندىئانلار بىلەن نېگىرلار ئارىلاشما قان سىستېمىسىدىن بولغانلارنىمۇ مېستسولار دەپ ئاتايدۇ.