Uyghur←ChineseMain Dictionary
مېستا
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى梅斯塔
méi sī tǎ
Domain: دۇنيا تارىخى麦斯达
mài sī dá
مېستا لاتىنچە مېستۇستىن كەلگەن بولۇپ، <بىرلىشىش> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ⅧⅩ - ⅨⅩ ئەسىرلەردە ئىسپانىيىدە قويچىلىق خوجايىنلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئىتتىپاق. ئەزالىرىنىڭ كۆپى چوڭ فېئوداللار بىلەن دىنىي رىتسارلار پولكىنىڭ ئادەملىرى. 1273-يىلى كاستىلىيىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئەدلىيە قاتارلىق ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولغان. ئىتتىپاقنىڭ كۆپ ساندىكى قوي شىمالغا قەرەللىك ھەيدەپ بېقىلىپ، يول بويى ئېتىز - ئېرىق، ئوتلاق ۋە ئۈزۈمزارلىقلارنى ۋەيران قىلغانلىقتىن، دېھقانلار رېشاتكا ياساپ توسۇشقا مەجبۇر بولغان. ⅥⅩ ئەسىرگەكەلگەندە، غەربىي ياۋروپانىڭ قوي يۇڭىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئىتتىپاقنىڭ چارۋىچىلىق فېرمىلىرى ئېتىز - ئېرىقنى ۋەيران قىلىش ھېسابىغا يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، قوي سانى بىر مەزگىل 7 مىليون تۇياققا يەتكەن. ⅧⅩ ئەسىردە ئىتتىپاقنىڭ ئىمتىيازى بىكار قىلىنغان. 1836-يىلى ئىتتىپاق تارقىتىۋېتىلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.