UyghurMain Dictionary
مىسلى
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئوخشاش، مىسالى، دەك، تەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسىنىڭ بىر - بىرىگە ئەينەنلىكى.
گۆھەرنى تاشقا ئۇرغان بىلەن تاش بىلەن گۆھەرنى ئۇرغان ئوخشاش؛ ئاخىر گۆھەر سۇنىدۇ. مەن ئۈچۈن ئۇ بىلەن سەن ئوپمۇ ئوخشاش. بۇ ئىككىسى ئوپئوخشاش چوڭ بوپتۇ. بۇ قىز بەئەينى ئانىسىنىڭ ئۆزىغۇ! بۇ مەن يىتۈرۈپ قويغان پىچاقنىڭ دەل ئۆزى. بۇ بالا دادىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپتۇ. زىرائەت مايسىلىرى بىر خىل تەكشى ئۆسۈپتۇ. ياخشى ئوغۇل ئەلگە بىردەك يارار. دوستسىز ئۆتمەك ۋەتەندە، مىسلى مۇردا كېپەندە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
يۈك. بولۇشسىز جۈملىدە <پەقەت>، <زادى> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىش.
تىر... گە ئوخشاش، كەبى، خۇددى.
كوھى دارا خۇددى جام، سۈبھى زىياسى مىسلى مەي، تازا مەيدەك بەخش ئېتەر جانغا ھۇزۇر ئەتراپتا نەي.