UyghurMain Dictionary
مىسكيېۋىچ
دۇنيا تارىخى
(1798 - 1855). پولشالىق شائىر، ئىنقىلابچى. زاۋال تاپقان ئۇششاق ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ۋىلنو داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا مەخپىي گۇرۇپپىغا قاتنىشىپ، پولشا دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پائالىيىتى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان. 1819 - 1823-يىللاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1823-يىلى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئىككىنچى يىلى روسىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان، 1839-يىلى روسان داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان، بىر يىلدىن كېيىن فرانسىيە شۆيۈەنىگە بېرىپ ئئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ 1848-يىلى رىمدا قوشۇن تەشكىللەپ، ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. كېيىن پارىژغا قايتىپ كەلگەن. 1852-يىلى ئارسېنال كۈتۈپخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1855-يىلى تۈركىيىگە بېرىپ يەنە قوشۇن تەشكىللپە چارروسىيىگە قارشى تۇرغان بولسىمۇ، ئۇزۇنغا قالماي ئۆلۈپ كەتكەن. <ياشلىق مەدھىيىسى>، <قوشاق ۋە لەتىپىلەر>، <گراشنا>، <قىرىم ھەققىدىكى ئون تۆت مىسرالىق شېئىر>، <كونراد ۋالېنرود>، <ئەجدادلار روھىغا زاراخەتمە> (جەمئىي 4 قىسىم بولۇپ، بىرىنچى قىسمىدىن پەقەت پارچىلىرىلا ساقلىنىپ قالغان)، <تادۇش ئەپەندى> قاتارلىق ئاسەسلىرى بار.