Uyghur←ChineseMain Dictionary
موسكۋا قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
莫斯科起义
mò sī kē qǐ yì
1547-يىلى موسكۋا خەلقىنىڭ فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. ئىۋان Ⅳ تەختتە تۇرغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ھاكىمىيەت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چوڭ ئاقسۆڭەك شۇئىسكى جەمەتى، بېلىسكى جەمەتى ۋە گىلىنسكى جەمەتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. ئۇلار يەرلەرنى قوشۇۋېلىپ، ئېغىر ئالۋان - ياساق ئېلىپ، زوراۋانلىق قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىياسىي قالايمىقانچىلىق، يات مىللەتلەرنىڭ بېسىپ كىرىشى ئارقىسىدا، ھەرقايسى تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ، سىنىپىي كۈرەش كەسكىنلەشكەن. 1547-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، موسكۋادا يۈز بەرگەن چوڭ ئوت ئاپىتى گلىنسكى جەمەتىگە قارشى چوڭ قوغىلاڭنى كەلتۈرۈ چىقارغان. ئىۋان ئەتراپى رايونىدىكى ۋوروبېۋ كەنتىگە قېچىپ بېرىۋالغان. 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، قوزغىلاڭچى ئامما كىرىمىل سارىيىغا بېسىپ كىرىپ، گلىنسكى جەمەتىنىڭ باشلىقىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. يۇرىي گلىنىسكى ئۆلتۈرۈلگەن؛ گلىنىسكى جەمەتىنىڭ تۇرالغۇسى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن؛ مىخائىل گلىنىسكى لىتۋاغا قاچماقچى بولۇپ قاچالمىغان، كېيىن چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان؛ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە سارايدا تۇرۇۋاتقان خوجىدارلىرى، ياساۋۇللىرى ئۆلتۈرۈلگەن. ئىۋان Ⅳ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ قوزغىلاڭنى ئاران باستۇرغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭغ ا روسىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ئاۋاز قوشقان. نۇرغۇن جايلاردىكى دېھقانلار ۋە يانچىلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، پومېشچىكلارنىڭ قورۇقلىرىنى كۆيدۈرگەن، ئۆزلىرىنى ئەزگەن خوجىدارلاrنى ئۆلتۈرگەن. گلىنسكى ئاقسۆڭەك - بۈگ جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭدا ئاغدۇرۇپ تاشلانغان.