Uyghur←ChineseMain Dictionary
موسكۋا كىنەزلىكى
Domain: دۇنيا تارىخى莫斯科大公国
mò sī kē dà gōng guó
ⅣⅩ - ⅤⅩئەسىرلەردىكى شەرقىي شىمال رۇسلىرىنىڭ فېئوداللىق دۆلىتى. پايتەختى موسكۋا بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ۋالادىمىر كىنەزلىكىدە يۇرىي ۋالادىمىروۋىچ (لەقىمى ئۇزۇن قول) تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ( 1125 - 1157) موسكۋا شەھىرىنى قۇرغان (1147). ⅢⅩ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ۋلادىمىر كىنەزلىكىگە موسكۋا كىنەزلىكى دەپ نام بېرىلگەن. ⅢⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بۆلۈنۈپ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان. ⅣⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، دۆلەت كۈندىن - كۈنگە روناق تېپىپ، داۋاملىق تۈردە ئەتراپتىكى كىنەزلىكلەرنى قوشۇۋالغان. 3281-يىلى، موسكۋا كىنەزى ئىۋان Ⅰ (ھەميان) پۇلغا ۋە موڭغۇللار بىلەن چېركاۋنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، كۈچلۈك رەقىبى كىنەز تىۋىرنى يېڭىپ، ۋلادىمىر كىنەزلىك مەرتىۋىسىنى ئېلىپ، رۇس كىنەزلىكلىرىگە رەھبەرلىك قىلىشقا باشلىغان. دىمىترى دونېسكى تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (1359 - 1389)، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ لىتۋانلار ۋە موڭغۇللارنىڭ تاقاۋۇزىنى چېكىندۈرۈپ، موسكۋا چوڭ كىنەزلىكىنىڭ ھەرقايسى كىنەزلىكلەردىكى كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ، شەھەر ئاھالىسى ۋە ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، شەھەر جايلاردىكى فېئودال كىنەزلىكلەرنى يەڭگەن. 1480-يىلى، قىپچاق خانلىقى لىتۋا بىلەن بىرلىشىپ موسكۋاغا ھۇجۇم قىلىپ، يېڭىلىپ چېكىنگەن، شۇنىڭ بىلەن قىپچاق خانلىقىنىڭ رۇسلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقى ئاياغلاشقان. ئىۋان Ⅲ نىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە، پىسكوۋنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شەرقىي شىمالدىكى پۈتۈن رۇسلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، رۇسلارنىڭ ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن دۆلىتىنىڭ ياردروسى بولۇپ قالغان. ⅥⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، رۇسلار ئاساسەن بىرلىككە كېلىپ بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.