UyghurMain Dictionary
مىكناي
دۇنيا تارىخى
پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى (جەنۇبىي يۇنان) نىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قەدىمكى شەھەر. ئارگوس چېگرىسى ئىچىدە. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، باتۇر پېرسېئۇس مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ Ⅴئەسىرلەردە سالغانىكە. جەنۇب تەرەپتىكى قوشنىسى تىرىنس بىلەن قوشۇلۇپ، ئېگېي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم خارابىسى (<مېكېناي مەدەنىيىتى> دەپ ئاتىلىدۇ) ھېسابلىنىدۇ. گومېرنىڭ تارىخىي داستانى - <ئىليادا> دا تروياغا يۈرۈش قىلغان يۇنان بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ئاگامېمنون مېكىنا پېلوپس خاندانلىقى (ئاخېئولوگىيىدىكى گۈمبەز قەبرە خاندانلىقى) نىڭ پادىشاھى بولغان. 1876 - 1877-يىللىرى گېرمانىيە ئارخېئولوگى شىلېمان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى باشقا ئارخېئولوەلار مىكناي خارابىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قېزىپ چىقىپ، بىرمۇنچە ئاسار ئەتىقە، ئالتۇن - كۈمۈش ئەسۋابلار (<ئاترېئۇس خەزىنىسى>) گە ئىگە بولغان؛ شەھەرنىڭ شەرقىدىكى مەشھۇر <شىر دەرۋازا> (دەرۋازىنىڭ ئۈچ بۇلۇڭلۇق ماڭلاي تېشىغا ئىكى شىر ئويۇلغان) تاجاۋۇزقىلىپ كىرگۈچىلەردىن مۇداپىئەلىنىدىغان مۇھىم توساق بولغان. مىكناي شەھىرىنىڭ تېپىلىشى يىراق قەدىمكى زامان يۇنان تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن قىممەتلىك ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بەرگەن.