Uyghur←ChineseMain Dictionary
مىكناي
Domain: دۇنيا تارىخى迈锡尼
mài xī ní
پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى (جەنۇبىي يۇنان) نىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قەدىمكى شەھەر. ئارگوس چېگرىسى ئىچىدە. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، باتۇر پېرسېئۇس مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅤⅩ ئەسىرلەردە سالغانىكە. جەنۇب تەرەپتىكى قوشنىسى تىرىنس بىلەن قوشۇلۇپ، ئېگېي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم خارابىسى (<مېكېناي مەدەنىيىتى> دەپ ئاتىلىدۇ) ھېسابلىنىدۇ. گومېرنىڭ تارىخىي داستانى - <ئىليادا> دا تروياغا يۈرۈش قىلغان يۇنان بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ئاگامېمنون مېكىنا پېلوپس خاندانلىقى (ئاخېئولوگىيىدىكى گۈمبەز قەبرە خاندانلىقى) نىڭ پادىشاھى بولغان. 1876 - 1877-يىللىرى گېرمانىيە ئارخېئولوگى شىلېمان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى باشقا ئارخېئولوەلار مىكناي خارابىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قېزىپ چىقىپ، بىرمۇنچە ئاسار ئەتىقە، ئالتۇن - كۈمۈش ئەسۋابلار (<ئاترېئۇس خەزىنىسى>) گە ئىگە بولغان؛ شەھەرنىڭ شەرقىدىكى مەشھۇر <شىر دەرۋازا> (دەرۋازىنىڭ ئۈچ بۇلۇڭلۇق ماڭلاي تېشىغا ئىكى شىر ئويۇلغان) تاجاۋۇزقىلىپ كىرگۈچىلەردىن مۇداپىئەلىنىدىغان مۇھىم توساق بولغان. مىكناي شەھىرىنىڭ تېپىلىشى يىراق قەدىمكى زامان يۇنان تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن قىممەتلىك ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بەرگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.