UyghurMain Dictionary
مەتەرەم سۇلتانلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندونېزىيىدىكى ئىسلام پادىشاھلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۇلتانلىق 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئوتتۇرا ياۋادىكى يوگياركارتا رايونىدا باش كۆتۈرۈپ چىقتى. 1582 - يىلى سۇتاۋىدجاجا سېنوپاتى (؟ 1601) باجان دۆلىتىنى يوقىتىپ، مەتەرەم دۆلىتىنى قۇردى. سۇلتان ئاگۇڭ (1613 - يىلىدىن 1645 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىدە ئوتتۇرا ياۋا ۋە شەرقىي ياۋا رايونلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دېڭىز ياقىسىدىكى سۇرابايا ۋە سىرېبونلارنى ئىشغال قىلدى ھەمدە كۈچ دائىرىسىنى سۇماتېرانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا ۋە كالىنمانتاننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا كېڭەيتتى. گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرىنى قوغلىۋېتىشكە قوشۇن ئەۋەتكەن بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. سۇلتان ئاگۇڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئەھۋالى ناچارلاشتى. 17 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا گوللاندىيىنىڭ ھىندىستان شىركىتىگە تەۋە جايى بولۇپ قالدى. 18 - ئەسىرنىڭ باشلىرى سۇلتانلىقنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى گوللاندىيە ئىگىلەپ كەتتى. 1755 - يىلى يوگياكارتا دۆلىتى ۋە سولو دۆلىتى قىلىپ ئايرىۋېتىلىپ، گوللاندىيىنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە قاراشلىق قىلىپ قويۇلدى.