UyghurMain Dictionary
مەتەل
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلىدىغان خەلق مەجازى ئىبارىلىرىنىڭ بىرى. مەتەل ئۆز مەنىسىدىن باشقا مەنىگە كۆچۈرۈلگەن سۆز بىرىكمىلىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئوخشىتىش، كىنايە ۋە باشقا تىل ۋاسىتىلىرى قوللىنىلىدۇ. شۇ خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن مەتەل پىكرىنى بىۋاسىتە ۋە ساددا ئىپادىلىگۈچى «ماقال» دىن پەرق قىلىدۇ، مەتەللەردە مەجازى ئىبارىنىڭ ئۆز ئەسلى مەنىسى بىلەن كۆچۈرۈلگەن مەنىسى ئوتتۇرىسىدا يېقىن مۇناسىۋەت، مەنتىقىي باغلىنىش بولۇشى شەرت. مەسىلەن: ئورۇنسىز ئېيتىلغان گەپ «تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك»، ھەر بىر ئىشنى ئۆز ئۇستىسى قىلسا «قوينى قاسساپ سويسۇن»، ھەربىر ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا قىلىش «تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق»، دېيىلىدۇ، بۇلار مەتەللەر ھېسابلىنىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خەلق ئارىسىدا ئۇزاقتىن داۋام قىلىپ كەلگەن، تۇرمۇش تەجرىبىلىرىدىن ئېلىنغان، پەند - نەسىھەت مەزمۇن قىلىنغان ۋەزىنلىك، ئوبرازلىق گەپ.
ماقال - سۆزنىڭ ئاتىسى. ئىشەنمە. يامان ئېيتسا شېرىن ماقال، ھەسەلگە زەھەر قاتمىقى ھەر ئېھتىمال. تەمسىل ياپرىقى، ماقال مېۋىسى. ئاتىلار سۆزى - ئەقىلنىڭ كۆزى. مەتەل مەجازىي ئىبارىدۇر.