UyghurMain Dictionary
مەستانە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
مەستلەردەك، مەستلەرچە:
شەرابى ئەرغەۋانى شىشەئى گۇلگۇنگە تولدۇرمىش،
مېنى شاراب ئېتەرگە ساقىئى مەستانە بولغايمۇ؟
زەلىلى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا ياكى بىرەر نەرسىگە جان - دىلىدىن بېرىلمەك.
<قىلماق>، <بولماق> لار بىلەن پېئىللىشىدۇ.
ئۇ نازىنىن گۈزەل جىلۋىسى بىلەن مېنى مەپتۇن قىلدى. كىيىم كۆزنىلا مەھلىيا قىلار، بىلىم ئالقىشقا ئىگە قىلار. چىرايلىق سۆزۈڭگە بولما مەھلىيا، سۆزۈڭدىن ئىشىڭنى بېزەت ئاۋۋالا. بىر كۆرۈپ مەستانە بولغاندا ئىشەنچ يوق. ۋاپادا ئوخشىما بۇلبۇلغا ئەسلا، ھەر ئان ئۇ ئۆزگە گۈل شېخىدا شەيدا. مەنزىلىم ئىدى يىراق، ئەسىر قىلدى بىر قاراپ. ئىشىق ئوتىدا بولدۇم پەرۋانە، ئەندى بولاي دىۋانە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
رەۋ. مەستلەرچە، مەستلەرگە ئوخشاش.
مەستانە بولماق. مەستانە قىلماق.
سۈپ. كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان، ئەقىلنى ئازدۇرىدىغان دەرىجىدە گۈزەل، چىرايلىق.
مەستانە كۆزلەر. مەستانە قىياپەت. مەستانە قىز.
سۈپ. بىر نەرسىگە، ئىشقا ياكى كىشىگە قاتتىق بېرىلگەن، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا بېرىلگەن، مەھلىيا، شەيدا بولغان.
مەستانە ئەمەسمەن كېپىنەككە مەن، شاگىرت بولمايمەن شاتۇتىغا ھەم. ئىلىم - پەن بېغىغا ئاشىق شۇنچە مەن، پەرۋانە مەن بولسام، شامدۇر ئىلىم - پەن.
ئى. بىرەر نەرسىگە، ئىشقا ياكى كىشىگە قاتتىق بېرىلگۈچى ئادەم، ھەۋەس قىلغۇچى، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا بېرىلگەن كىشى، ھەۋەسكار.
توپ مەستانىسى. خوتۇن مەستانىسى. كىتاب مەستانىسى.