UyghurMain Dictionary
مەست
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەست، كەيىپ بولغان:
بىھۇش، خۇدىنى يوقاتقان:
1. ۋەلايەت ھەمەكافىرۇ بۇت پەرەست،
بۇلار كۇفر تۇغيان مەيى بىرلەمەست.
ئا. نىزارى.
2. ئەجەل خەنجەرىغە قىلاي ئۆزنى مەست،
ياتاي سۈبھى مەھشەرغەچە يەئنى مەست.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
مەس، مەس بولغان، ئەسرۇك، ئەسرىگەن،خۇدىنى يوقاتقان، ھېچ نەرسىنى بىلمەسلىك:مەستى لاياقەل - قاتتىق مەس، خۇدىنى بىلەيدىغان مەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. ھاراق ياكى نەشە، خىروئىن قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ تەسىرىدە كەيىپ بولغان، كەيپى بار. كەيىپ.
مەست ئادەم. مەست بولماق.
ئى. كەيپ بولغان ئادەم.
ئىككى مەست ياسىنغا قاراپ ئېتىلدى.
سۈپ. كۆچمە. قاتتىق تەسىرلىنىپ، زوقلىنىپ شادلىققا چۆمگەن؛ شادلانغان، خۇشال بولغان ياكى خۇدىنى يوقاتقان؛ قاتتىق مەستلىكى كەلگەن.
قاۋۇل سۆزلەۋاتقىنىدىلا ئۇنىڭ پىكىرلىرى كەلگۈسى بەخت تۇيغۇسىدىن مەست ئىدى.
ئى. ناھايىتى كۈچلۈك جىنسىي مۇناسىۋەتنى تەلەپ قىلىش ۋە شۇنداق مەزگىل (ھايۋانلارغا نىسبەتەن).
ئۇ مەست بولغان تۆگىدەك كۆپۈك چىقىرىپ ھوشسىز ياتاتتى.