UyghurMain Dictionary
مەجلىسنىڭ دىنىي ئىسلاھاتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىنىڭ دىننى پاكلاشتۇرۇش يولىدىكى ئىسلاھات ھەرىكىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ھەرىكەتنى 17 - ئەسىردە مۇھەممەد باقىر مەجلىس تەشەببۇس قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالدى. سەفەۋىيە سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىئە مەزھىپى (ئون ئىككى ئىمامچىلار) نى دۆلەت دىنىنىڭ ئاساسى قىلدى. لېكىن، بۇ مەزھەپنىڭ ئەقىدىسىگە تەسەۋۋۇپچىلىق ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، پادىشاھ ئىسمائىل شاھ (1502 - يىلىدىن 1524 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) نى پەيغەمبەر ئەۋلادى دەپ ئولۇغلىدى. تەسەۋۋۇپچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈۋېتىش ئۈچۈن، مۇھەممەد باقىر مەجلىس نۇرغۇن ئاممىباب كىتابلارنى يېزىپ، شىئە مەزھىپىنىڭ دىنى، تارىخىي بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇردى. تەسەۋۋۇپچىلىققا رەدىيە بېرىپ، شىئە مەزھىپىنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرېىنى تەشەببۇس قىلدى. ھۈسەيىن تالاپەتكە ئۇچرىغان كۈننى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە، ئىمام قەبرىگاھىنى تاۋاپ قىلىش پائالىيىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ئىمامنىڭ بەندىلەر بىلەن ئاللا ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىچى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلدى. بۇ پائالىيەتلەر شىئە مەزھىپىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ۋە سىياسىي ئېڭىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئۆلىمالار تەبىقىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن شىئە مەزھىپى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.