UyghurMain Dictionary
مەجلىس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يىغىن، مەجلىس:
بەزمە، ئولتۇرۇش:
ئوشۇل مەجلىسىدەكى ئەل كۈن بەيەكبار،
كۆتەردىلەر بۇ سۆزدىن نالەئى زار.
ئا. نىزارى.
2. ساقى سۇراھى شىشە بىلەن سەرنىگون بۈگۈن،
مەجلىسىدە بەس كى نالەئى نەي ئاشقانەدۇر.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە، پارىسچە
يىغىننى بېزىگۈچى، قىزىتقۇچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەت ئۈستىدە مۇزاكىرە - مەسلىھەت قىلىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىلىش.
ئومۇمىي يىغىن، ياچېيكا يىغىنى. يىغىن قىسقا، تېجەشلىك بولسا ئىدى. سۆھبەت مەجلىسى بولۇپ ئۆتتى. مەجلىستە سىنا ئۇياق - بۇياقنى، يوتقانغا قاراپ ئۇزات ئاياغنى. ئەدەب روشەن چىراغدۇر ئەنجۇمەندە، ئەدەب پاكلىق دەلىلى دىل چىمەندە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تەشكىلات، كارخانا، كوللېكتىپ ياكى ئىدارە ئەزالىرىنىڭ بىرەر مەسىلە، ئىش مۇھاكىمىسىگە بېغىشلانغان يىغىلىشى؛ يىغىن.
مەجلىسكە قاتناشماق. مەجلىس ئاچماق.