UyghurMain Dictionary
ماززىنى
دۇنيا تارىخى
(1805 - 1872) ئىتالىيىلىك بۇردۇئا ئىنقىلابچىسى، ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتىدكى دېموكراتچىلاrنىڭ داھىيىسى ۋە مۇتەپەكۇر، گىنويەدىكى بىر دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قانۇن ئۆگەنگەن. 1827-يىلى كاربونارلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1830-يىلى قولغا ئېلىنغان ۋە دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1831-يىلى فرانسىيىنىڭ مارسېل دېگەن يېرىدە ياش ئىتالىيە پارتىيىسىنى قۇرغان. پارتىيە پروگراممىسىدا پادىشاھلىق مۇستەبىتلىكنى بىكار قىلىش، ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى يۈرەۈزۈش، پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيە ئەركىنلىك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق تەرەققىيپەرۋەر تەشەببۇسلارنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. 30-يىللاردىن 40-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا، كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 1833-يىلى 7-ئايدىكى گىنويە قوزغىلىڭى، 1843-يىلى 2-ئايدىكى ساۋويە قوزغىلىڭى، 1844-يىلى 6-ئايدىكى كرابورىيە قوزغىلىڭى قاتارلىقلار ھەممىدىن مەشھۇر ئىدى. بۇ قوزغىلاڭلار ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولمىغاچقا، مەغلۇپ بولغان. 1834-يىلى شۋېتسارىيىدە ياش ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قۇرغان. 1846-يىلى خەلق ئىنتېرناتسىئونال ئىتتىپاقىنى قۇرغان، 1848-يىلى 2-ئايدا رىم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئۈچ كىشىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 7-ئايدا جۇمھۇرىيەت ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇشقا مەجبۇر بولغان. 1860-يىلى گارىبالدىنىڭ، جەنۇبىي ئىتالىيىگە قارشى يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا مەدەت بەرگەن. نىئاپول ئازاد بولغاندىن كېيىن، گارىبالدىنى رىمغا يۈرۈش قىلىشقا كۆندۈەلمەي يەنە بىر قېتىم چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئىشچىلارنىڭ ئەھۋالىغا ھېسداشلىق قىلغان بولسىمۇ، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال ۋە پارىژ كوممۇنىسىغا قارىتا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كۆپىنچىسى <ماززىننىڭ نەشر قىلىنغان ۋە قىلىنمىغان ئەسەرلىرى> ۋە <ماززىننىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى> گە كىرگۈزۈلگەن.