UyghurMain Dictionary
مازداك قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن Ⅵ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئىران خەلقىنىڭ فېئوداللىق قۇللۇققا قارشى قوزغىلىڭى. ئۇنىڭ رەھبىرى مازداك بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. مىلادى Ⅴ ئەسىردە، ئىراننىڭ فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئاتەشپەرەس كاھىنلار يېزىلاردىكى كوممۇنا يەرلىرىنى تالان - تاراج قىلىپ، فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىنى يولغا قويۇپ، زور تۈركۈمدىكى دېھقانلار خانىۋەيران بولغان. مىلادى 491-يىلى، مازداك مەزھىپى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئاساسلىقى دېھقانلار، شەھەردىكى نامرات ئاھالىلەر ھەمدە بىر قىسىم قۇللار قوزغىلاڭغا قاتناشقان. جايلاردىكى قوزغىلاڭچىلار ئاقسۆڭەكلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يەر ۋە مال - مۈلۈكلىرىنى تارتىۋېلىپ، يېزا كوممۇنىسىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا ئۇرۇنغان. پادىشاھ كەيقۇباد Ⅰ مازداك مەزھىپىگە يېقىنلىشىپ ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىپ، ئاقسۆڭەك ۋە زوروئاستىر دىنىدىكى كاھىنلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان. لېكىن ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئۆرۈلۈپلا ئاقسۆڭەك ۋە ئاتەشپەرەس كاھىنلار بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، مازداك مەزھىپىدىن يىراقلاشقان. 529-يىلى كەيقۇباد Ⅰ نىڭ ئوغلى خىسراۋ، مازداك ۋە ئۇنى نەچچە يۈز قوللىغۇچىسىنى پايتەخت كتېسىفۇنغا ئالداپ ئېپكېلىپ ئۆلتۈرگەن ھەمدە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە قوزغىلاڭچىلارنى قىرغىن قىلىپ، ئۆلتۈرۈلگۈچىلەر 80 مىڭ كىشىگە يەتكەن، قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن كاھىن ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىگە قاتتىق زەربە بەرگەن.