Uyghur←ChineseMain Dictionary
مازداك
Domain: دۇنيا تارىخى马兹达克
mǎ zī dá kè
(تەخمىنەن مىلادى 470 - 529-يىللار) مازداك دىنىي مەزھىپىنىڭ داھىيىسى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىراننىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى نىشاپۇردا تۇغۇلغانىكەن. ئەسلىدە زورۇ ئاستىر دىنىنىڭ كاھىنى بولغان. ساسسانى پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى كتېسفوندادىن ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنى تەشۋىق قىلغان. ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشنى تەرغىپ قىلغان. يېزا كوممۇنىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يەر، سۇ ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئومۇمنىڭ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان؛ كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا بىر - بىرىنى تاشلىۋېتىشىگە، ئۆزئارا ئۆچمەنلىك ۋە قىرغىنچىلىق قىلىشىغا قارشى تۇرغان؛ پۇل ۋە مال - مۈلۈكتىن ھەممە ئادەم ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان؛ خەلقنى قەبىھ ئىجتىمائىي تۈزۈمنى ئاغدۇرپ تاشلاشقا چاقىرىپ، كەڭ دېھقانلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاۋاز قوشۇشى ۋە قوللىشىغا مۇيەسسەر بولغان. كېيىن مازداك قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىرا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلا نى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن. پادىشاھ كەيفۇباد Ⅰ بىر مەھەل مازداك مەزھىپىگە يېقىنلىشىپ، مازداكتىن پايدىلانغان. كېيىن پادىشاھ ئاقسۆڭەكلەر ۋە زورۇ ئاستىر دىنىنىڭ كاھىنلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلىشقان، مىلادى 529-يىلى كەيفۇباد Ⅰ نىڭ ئوغلى خسراۋ ئۇنى قەست قىلىپ ئۆلتۈرگەن. <مازداك قوزغىلىڭى> غا قاراڭ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.