Uyghur←ChineseMain Dictionary
مازاۋار تۈزۈمى
Domain: دۇنيا تارىخى玛扎瓦制
mǎ zhā wǎ zhì
يېزا بويىچە ئىجارىگە بېرىش تۈزۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيىلىنىڭ ھىندىستاندا يولغا قويغان بىر خىل يەر بېجى تۈزۈمى. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا، غەربىي شىمال قىسمى قاتارلىق جايلاردا يولغا قويۇلغان. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: پۈتكۈل يېزا جامائەسىنى يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر دەپ ھېسابلاپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ئۇلاردىن بىۋاسىتە باج - سېلىق يىغىۋالغان، ئارىدا ۋاسىتىچى بولۇپ كېلىۋاتقان تەئەللۇقدار (ئىككىنچى پومېشچىك) لارنى ئىجارە ئېلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان. پۈتكۈل يېزىنىڭ ۋاقتىدا باج تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان. باج مىقدارىنى قەرەلىك ئۆزگەرتىپ ۋە داۋاملىق ئاشۇرۇپ بارغان. باج پۇلىنى كىشى بېشىغا چاچقان، ناۋادا يېزا جامائەسىنىڭ بىرەر ئەزاسى باجنى كېچىكتۈرسە، پۈتكۈل يېزىدىكى زېمىننى مەجبۇرىي سېتىۋەتكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.