UyghurMain Dictionary
ماخۇالۇڭ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى جەھرىيەنىڭ 5 - ئەۋلاد پىرى. گەنسۇ لىڭجۇ (ھازىرقى نىڭشا لىڭۋۇ) دىكى جىباۋلىق، خۇيزۇ. جەھرىيەنىڭ ئىمامى مايىدېنىڭ چوڭ ئوغلى. چىڭ سۇلالىسى داۋگۇاڭنىڭ 29 - يىلى (1849) ئىماملىققا ۋارىسلىق قىلدى. تۇڭجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا شەنشى، گەنسۇدىكى خۇيزۇلارغا رەھبەرلىك قىلىپ چىڭ سۇلالىسىغا قارشى چىقىپ، چىڭ سۇلالىسى بىلەن ئون يىلدەك تىركىشىپ <چوڭ ئاخۇن> دەپ ئاتالدى. تۇڭجىنىڭ 10 - يىلى (1871) 1 - ئايدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى.