UyghurMain Dictionary
مادار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
«مەدار» غا قاراڭ.
مېنىڭكى مۇرادىم ئېرۇر سۈبھى - شام،
بەھەم بولسا، خىزمەتتە تۇرسام مادا.
موللا شاكىر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
جىن، ئالۋاستى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنى ھەرىكەتلەندۇرىدىغان، ھەرىكەتتىكى جىسىمنى توختىتىدىغان ياكى جىسىمنىڭ ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتىنى ئۆزگەرتىدىغان قابىلىيەت، رول، ئۈنۈم.
«كۈچ، قۇۋۋەت، قۇدرەت، جان» ئەڭ ئومۇمىي، ئادەم، ھايۋان ۋە ھەممە شەيئىدە بولىدۇ.
«چاما، مادار، ماغدۇر، ماجال، ھال، دەرما
بىلىم - كۈچ. كۈچ - ئۆملۈكتە. كۈچ - قۇدرەتمۇ ئەقىلغە يول بېرەر. بۇ تاماكىنىڭ كۈچى يوق ئىكەن. ئات كۈچى؛ ئەمگەك كۈچى. ئادەمنىڭ قۇۋۋىتى بىلەكتە، ھايۋاننىڭ تۇياقتا. بىلمەسلكتە بار ئىدى خۇش قۇۋۋىتىم، بىلگىنمدە قالمىدى ھېچ قۇۋۋىتىم. خۇلقى يامانلارغا بەرمە زەررە قۇدرەت، يامانلىقلىرىغا بەرمە كۈچ - قۇۋۋەت. چامىسىغا قاراپ چانىسى. تاماق - تەننىڭ مادارى. ماغدۇرۇم باردا يوق، ماغدۇرۇم كەتكەندە تەييار. قايسى تەرەپكە كەتتى خىيالىڭ، گەر قىلساڭ پەرۋاز، يېتەر ماجالىڭ. ھالى يەتمىگەن خۇداغا يېلىنار. دەرد بار، دەرمان يوق. سۆلى يوقنىڭ كۈنى تەس. قورساقتا نان بولسا، بىلەكتە جان بولىدۇ. جېنى يوق ئېشەك، بىر پارچە خام كېسەك. ئاق نان تېپىشقا قۇربى بار ئىنسان كېپەك ئارقىسىدىن چاپماس ھېچقاچان.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
جىن - ئالۋاستى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
بىر خىل يىرتقۇچ قۇش. تۇمشۇقى ئىلمەك. دۈمبىسى قارا قوڭۇر بولۇپ پۇتلىرىدا تۈكى بار، كۆزى ئۆتكۈر، تاپ يەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كۈچ - قۇۋۋەت، ماغدۇر، ماجال، ئىقتىدار.
شەرەپلىك نامۇ ئۇنۋانىم، ئىجادقا كەڭرى ئىمكانىم، باھارنىڭ زوقى - ئىلھامى، مادار قوشتى مادارىمغا.