UyghurMain Dictionary
مانىن
دۇنيا تارىخى
(1804 - 1857) ئىتالىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابچىسى، ۋېنېتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1848-يىلى)، ئوتتۇرا بۇرژۇئا ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. پادوۋا داشۆسىدە قانۇن ئوقۇپ، ئىلمىي ئۇنۋانغا ئىگە بولغان. كېيىن ئادۋوكات بولۇپ ئىشلىگەن. 1837-يىلى، ئاۋسترىيە ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ مىلان - ۋېنېتسىيە تۆمۈر يولىنى ياسىشىغا قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان. 1847-يىلى ۋېنېتسىيە تۆمۈر يولىنى ياسىشىغا قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان. ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتىگە ۋېنېتسىيىنىڭ ئۆزىنى - ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا رۇخسەت بېرىش تەلەپنامىسى تاپشۇرغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. 1848-يىلى 3-ئايدا مىلاندا ئىنقىلاب پارتلىغاندا قوزغىلاڭچىلارنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىشى بىلەن تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، خەلق قوغدىنىش ئارمىيىسى ۋە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلغان ھەم ۋېنېتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. 7-ئايدا ۋېنېتسىيە ئىنقىلابى كېڭىشى پىئېمو بىلەن بىرلىشىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىغاندىن كېيىن ئىستېپا بەرگەن. 8-ئايدا پىئېمونت ئارمىيىسى كوستوزا ئۇرۇشىدا يېڭىلىپ، ئاۋسترىيە بىلەن ئۇرۇشنى توختىتىش كېلىمىنى ئىمزالىغان ھەمدە ۋېنېتسىيىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىن مانىن يېڭىۋاشتىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، ئەنگلاىيە ۋە فرانسىيىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان. نەتىجىدە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن. 1849-يىلى ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان ۋېنېتسىيە مۇداپىئە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مانىن فرانسىيىگە قېچىپ كەتكەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تۇرمۇش قامداش ئۈچۈن ئىتالىيە يېزىقىنى ئۆگەتكەن. 1857-يىلى <ئىتالىيە مىللىي جەمئىيىتى> قۇرۇشقا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەئىس بولغان.