UyghurMain Dictionary
مانى دىنى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى
بۇ دىن مىلادى Ⅲ ئەسىردە پىرسىيە يەنى بۈگۈنكى ئىراندا مانى ئاتلىق ئادەم تەرىپىدىن يارىتىلغان بولغاچقا شۇ نامدا ئاتالغان. مانى دىنى Ⅳ ئەسىردىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا، ئۇنىڭدىن كېيىن خەنزۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئىچىگە تارقىلىش بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە، خانلىق يىمىرىلگەنگە قەدەر دۆلەت دىنى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگلەندىن كېيىن تا Ⅹ ئەسىرگىچە ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئىلى تەۋەسىدە بۇددا دىنى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. مانى دىنى <ياخشىلىق - يامانلىق>، <يورۇقلۇق - قاراڭغۇلۇق>، <دوزاخ - جەننەت> تىن ئىبارەت ئالەم قارىشىنى دالالەت قىلىدۇ، بۇ دىن بولۇپمۇ <يورۇقلۇق> قا چوقۇنۇش - ئېتىقاد قىلىشنى تەرغىپ بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن <يورۇقلۇق دىن> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
دۇنيا تارىخى
مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا مانى ياراتقان دىن. بۇ دىننىڭ ئەقىدىسى كۈرىشى مەۋجۇت دېگەن ئىككى مەنبەچىلىك ئىدىيىسىنى داۋاملاشتۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە نۇستى دىنى، خرىستىئان دىنى ۋە بۇددا دىنىنىڭ بەزى تەكىبلىرىنى قوبۇل قىلىپ، كىشىلەرنى ئۆمۈر بويى دۇئا - ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، يورۇقلۇقنىڭ جاھالەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا ياردەم قىلىشقا چاقىرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ دىندارلارنى بايلىقتىن ۋاز كېچىپ نامرات تۇرمۇش كەچۈرۈشكە، نامراتلارغا ياردەم بېرىشكە، زاھىد بولۇشقا ۋە ئاددىي كىيىنىش - يېيىشكە چاقىرغان. ياخشى ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن بەختكە ئېرىشىدۇ، يامان ئادەم دوزاخقا كىرىدۇ دېگەننى تەرغىپ قىلغان. بۇ دىن زور ئاستىر دىنىنىڭ ئالىي كاھىنىنىڭ چىرىك تۇرمۇشىغا ھۇجۇم قىلىپ، باي بىلەن نامراتلىق پەرقى زور بولغان ئىجتىمائىي ئەھۋالغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن. دەسلەپتە شاپۇر Ⅰ نىڭ قوغدىشىغا مۇيەسسەر بولغان. كېيىن ساسسانىلار خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ۋە زور ئاستىر دىنى كاھىنلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. كېيىن ئىراندىن غەربتە سۈرىيە، مىسىر، شىمالىي ئافرىقا ۋە رىم، گاللىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئىسپانىيە قاتارلىق جايلارغا، شەرقتە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. 694-يىلى (ۋۇزېتىيەننىڭ يەنزەي 1-يىلى) جۇڭگوغا تارقالغان بولۇپ يورۇقلۇق دىنى دەپ ئاتالغان. جۇڭگونىڭ تارىخىي ھۆججەتلىرىدە خفتىرىلىنىشىچە مەزكۇر دىننىڭ مۇقەددەس كىتابلىرى ئىچىدە <يورۇقلۇق ۋە جاھالەت> ۋە <ئۈچ دەۋر> (ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسى) بار. 19 - ئەىسرنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگونىڭ دۇنخۇاڭ، شىنجاڭ قاتارلىق جايلىرىدا بۇ دىننىڭ نوملىرىنىڭ پارچىلىرى تېپىلغان. 1930-يىلى مىسىرنىڭ ۋايوڭ دېگەن يېرىدىمۇ ئۇنىڭ نومى تېپىلغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
دىن
مىلادىيىدىن كېيىنكى Ⅲ ئەسىردە، ئىران ۋە بابىلونىيىنىڭ چېگرا رايونلىرىدا مەيدانغا كەلگەن دىن. بۇ دىننى تەسىس قىلغۇچى مانى مىلادىيە 215 - يىلىدا بابىلونىيىدە تۇغۇلغان. دەسلەپتە يەھيا پەيغەمبەر خرىستىئانلىرى دېگەن مەزھەپكە كىرگەن. كېيىن زەردۇشتلۇقنى ئىسلاھ قىلىش ئارزۇسىدا بولغان. بىر مەزگىل ھىندىستاننىڭ بۇددىزمنى تەتقىق قىلغان. كېيىنچە ئىراندا ئۆزىنى بۇددا، زەردۇشت ۋە ئەيسا بىلەن بىر قاتارغا قويۇپ يېڭى ئېتىقاد سىستېمىسىنى تارقىتىشقا كىرىشكەن، 246 - يىلدا ئۆلتۈرۈلگەن.