UyghurMain Dictionary
مالىنوۋسكى
دۇنيا تارىخى
(1898 - 1967) سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى. ئودېسسادا تۇغۇلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانسىيىگە بارىدىغان ئۇزاققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنغا قاتناشقان. 1919-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ قىزىل ئامرىيىگە قاتناشقان، 1926-يىلى كوممۇنىستىك پارتىيىگە كىرگەن. 1930-يىلى فرۇنزى ھەربىي شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. 1937 - 1938-يىللىرى خەلقئارا كالونناغا قاتنىشىپ، ئىسپانىيە جۇمھۇرىيىتىگە ھەمكارلىشىپ ئۇرۇش قىلغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ستالىنگراد ئۇرۇشىدىكى گۋاردىيە جىتۇەنجۈنىنىڭ قوماندانى، جەنۇبىي ۋە غەربىي جەنۇب ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى، ئۇكرائىنا ئىككىنچى يۆنىلىش ئارمىيىسى ۋە زابايقال يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋېت ئىتىتپاقى يىراق شەرق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى، يىراق شەرق ھەربىيرايونىنىڭ قوماندانى بولغان. 1956-يىلى سوېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1957 - 1967-يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان.