UyghurMain Dictionary
مالىمانچىلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەنسىزلىك پەيدا قىلىدىغان، قالايمىقان، تەرتىپسىز ھالەت، ۋەقە.
بېشىدىن مالىمانچىلىق ئۆتكەن تىنچلىقنىڭ قەدىرىنى بىلەر. بازاردا قالايمىقانچىلىق بولسا، ئوغرى كارامىتىنى كۆرسىتەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
جەڭگى - جېدەل بولۇپ تۇرغان، قالايمىقانچىلىق ئەۋج ئالغان ھالەت.
تىنچلىق، ئامانلىق، ئېسەنلىك، تىنچ - ئامانلىق، ئامان - ئېسەنلىك
جەڭگى - جېدەلسىز، بەخىرامانلىق، ساق - سالامەتلىك، خاتىرجەملىك ھالەت.
تەڭگىدىن تېنچلىق قىممەت. ئەل ئامانلىقنى تىلەر، دۈشمەن يامانلىقنى. ئېسەنلىك يادىڭدا بولسا، يامانلىقتىن ساقلىنىسەن. تىنچ - ئامانلىق سوراشماق ئەدەبتىنلا ئەمەس، ئىنساپتىن. ئامان - ئېسەنلىك ئەڭ زور دۆلەت. بېشىدىن مالىمانچىلىق ئۆتمىگەن تىنچلىقنىڭ قەدرىگە يەتمەس. پاراكەندىچىلىك غۇربەتچىلىككە باشلايدۇ. بىر ئۆيگە ئوغرى كىرسە، ئون ئۆيدە ئەنسىزچىلىك. تىنچسىزلىق ھۆكۈم سۈرسە، قالايمىقانچىلىق ئەۋج ئالىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مالىمان قىلىنغان پاراكەندە ھالەت، پاراكەندىچىلىك.
بۇ ئەھۋاللار ئىلگىرىمۇ بار ئىدى. ئون يىللىق ئىچكى مالىمانچىلىق ئارقىسىدا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى.