UyghurMain Dictionary
ماكسىمىلىيان
دۇنيا تارىخى
(1) (1459 - 1519). گېرمانىيە كورۇلى (1486 - 1519). مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1493 - 1519). ئاۋسترالىيە كىنەزى. 1477-يىلى بۇرگۇندى كىنەزلىكىدىكى مارى بىلەن توي قىلغان، بۇيرگۇندى بەگلىكى ئۆز تەۋەلىكىدىكى نېدېرلاند ۋە فرانسى - كومىتېتى (فرانسىيىنىڭ غەربىي قىسمىدا) نى <تويلۇق> قاتارىدا ھابسبۇرگ خان جەمەتىگە ئايرىپ بەرگەن. كېيىن ماكسىمىلىيان ئوغلى فىلىپ بىلەن ئىتالىيە كورۇلى فېردىناندنىڭ قىىزى جۇئانانىڭ توي قىلىشى ئارقىلىق نەۋرىسى چارلېسنى (چارلېس Ⅴ) ئىتالىيىنىڭتەخت ۋارىسلىق ھوقۇقىغا ئىگە قىلغان. 1499-يىلى شۋېتسارىيىنىڭ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشىنى ئېتىراپ قىلغان. ئىتالىيە ئۇرۇشىغا ئارىلىشىپ قىلىپ (1494 - 1559)، فرانسىيە ۋېنتسىيە بىلەن ئۇرۇشپ مەغلۇپ بولغان. ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئىچكى جەھەتتە ئىمپېرىيىنىڭ مەركىزىي ئاپپاراتىنى قۇرۇش، ئىمپېرىيىنىڭ نورمال بېجىنى ئېلىش، دائىملىق ئارمىيە قۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ نەتىجە ھاسىل قىلالمىغان. (2) ماكسىمىليا Ⅰ (بايېرن، 1573 - 1651)، بايېرن كىنەزى (1597 - 1651)، بايېرن پادىشاھ سايلىغۇچى كىنەزى( 1623 - 1651). 1609-يىلى كاتولىك دىنى ئىتتىپاقى قۇرۇپ، پروتېستانت دىنى ئىتتىپاقى بىلەن قارشىلاشقان. 30 يىللىق ئۇرۇشقا پائال قاتناشقان؛ 1620-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، كاتولىك دىنى ئىتتىپاقى ئارمىيىسى بىلاخورا جېڭىدە چېخ قوشۇنىنى مەغۇپ قىلغان؛ 1626-يىلى يۇقىرى ئاۋسترىيىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان؛ كاتولىك دىنى ئىتتىپاقى قوشۇنىنىڭ ئىمپېرىيىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، 1630-يىلى فېردىناند Ⅱ نىڭ ئىمپېرىيە قوشۇنى قوماندانى ۋاللېنستېيننى ۋەزىپىسىدىن ئالغۇزۇۋەتكەن؛ 1647-يىلى فرانسىيە، شۋېتسىيە بىلەن <ئۇلم ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى> ئىمزالاپ، 30 يىللىق ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىققان. 1648-يىلدىكى <ۋىستىفارىيە تىنچلىق شەتانمىسى> گە ئاساسەن، يۇقىرى پفالىستقا ئىگە بولغان، ئۇنىڭ پادىشاھ سايلىغۇچى كىنەزلىك ئۇنۋانىمۇ ئېتىراپ قىلىنغان