UyghurMain Dictionary
ماكدوۋېل
دۇنيا تارىخى
(1861 - 1908) ئامېرىكىلىق كومپوزىتور. كېلت مىللىتىنىڭ ئەۋلادى. 1876-يىلى بىلىم ئېلىش ئۈچۈن پارىژ مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا كېلىپ بىلىم ئاشۇرغان 1878-يىلى فرانكفورد مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا كېلىپ بىلىم ئاشۇرغان. كېيىن دارمىستات مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا كېلىپ بىلىم ئاشۇرغان. كېيىن دارمىستات مۇزىكا ئىنىستېتۇتىدا رويال ئوقۇتقۇچىسى بولغان ھەمدە مۇزىكا ئىشلەشكە كىرىشكەن. ئۇ گېرمانيىە مۇزىكا تەرەپدارلىرىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان بولۇپ، لىستنىڭ ھۈرمىتىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىنىڭ مەزمۇنى كۆپرەك ھېكايە رىۋايەتلەرنى ئۆزىگە ئاساسىي تېما قىلغان مۇزىكىلار بولۇپ، مول رومانتىزملىق تۈسىگە ئىگە. 1884-يىلى ئامېرىكىغاقايتىپ كەلگەن. 1896 - 1904-يىللىرى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا پروفېسسورى بولغان. سىمفونىيىلىك مۇزىكا بىلەن خورنى بىرلەشتۈرۈپ بىر گەۋدە قىلىشقا تىرىشقان، بىراق مۇتەئەسسىپلەرنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ياۋروپادا كەڭ تارقالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىقلىرى: <رانسى مۇزىكىسى بىلەن ئاللىن>، <گاملىت ۋە ئوفېرىيە> ناملىق سىمفونىيىلىك پوئېمىسى، <كېلىت> ناملىق رويال بىلەن ئورۇنلانغان سوناتاسى، <ئىندىئان> ناملىق يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن كايلىرى ھەمدە روايل بىلەن ئورۇنلانغان مۇزىكا ۋە ناخشىلىرى بار.