Uyghur←ChineseMain Dictionary
ماكېدونىيە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
马其顿战争
mǎ qí dùn zhàn zhēng
رىمنىڭ ماكېودنىيە پادىشاھلىقىنى ئىستېلا قىلىش ئۇرۇشى. رىم ئىتالىيە زېمىنىدا باش كۆتۈرۈپ، شەرقتىكى ئوتتۇرا دېڭىزغا قاراپش كېڭەيمىچىلىك قىلىش داۋامىدا، ماكېدونىيە بىلەن ئۈچ قېتىم ئۇرۇش قىلغان. بىرىنچى قېتىم (مىلادىدىن ئىلگىرى 205 -215)، ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى مەزەىلىدە، ماكېدونىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅴ ئىتالىيىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان كارفاگېننىڭ قوماندانى گاننىبال بىلەن ئىتتىپاق تۈۈپ، ئىتالىيىگە ئەسكەر كىرگۈچمەكچى بولغان؛ رىملىقلار گرېتسىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ دىپلوماتىك پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، فىلىپنى يۈرۈش قىلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىىلغان ھەمدە رىم بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزگەن. ئىككىنچى قېتىم (مىلادىدىن ئىلگىرى 197 - 200): رىم ماكېدونىيىنىڭ سۈرىيە بىلەن تالاش - تارتىش قىلىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ماكېدونىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزۈپ، مىلادىدىن 197 يىل ئىلگىرى گرېتسىيىنىڭ شىمالىدىكى سىنوسكېپالېدا فىلىپ Ⅴ نى مەغلۇپ قىلىپ، اىلىپنى گرېكلارنىڭ <ئەركىن> لىىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. رىم شۇنىڭدىن باشلاپ بالقان ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا باشلىغان. ئۈچىنچى قېتىم (مىلادىدىن ئىلگىرى 171 - 168): رىم ماكېدونىيىنىڭ تەسىر كۈچىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇرۇش ئېلان قىلغان، مىلادىدىن 168 يىل ئىلگىرى 6-ئايدا ماكېدونىيىنىڭ تەسىر كۈچىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇرۇش ئېلان قىلغان، مىلادىدىن 168 يىل ئىلگىرى 6-ئايدا ماكېودونىيىنىڭ جەنۇبى دېڭىز بويىدىكى پىدنا ئۇرۇشىدا، ماكېدونىيە پادىشاھى پېرسېئۇس مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن (كېيىن رىم تۈرمىسىدە ئۆلگەن)؛ ماكېودنىيە ئۆزئارا يېگانە بولغان تۆت <ئاپتونوم رايون> غا بۆلۈۋېتىلگەن، ئەمەلىيەتتە رىمغا قاراشلىق جايغا ئايلانغان. رىم ماكېدونىيىنى قوللىغان ەرېتسىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە قارىتا قاتتىق ئۆچ ئالغان ۋە تالان - تاراج قىلغان.