Uyghur←ChineseMain Dictionary
ماكېدونىيە سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
马其顿王朝
mǎ qí dùn wáng cháo
ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى (867 - 1056). باسىل Ⅰ قۇرغان. ئۇ ماكېدونىيىلىك كىشى بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتلانغان. ئۇ ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدە ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەركەزدىكى بيۇروكرات ئاقسۆڭەكلەر ۋە يەرلىك ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بولغان. ئاساسلىق باج مەنبەسى ۋە ئەكسەر مەنبەسى بولغان ئاركىن دېھقانلارنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە يەرلىكنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن، چوڭ فېئودال ئىگىلىرىنىڭ يەرلەرنى قوشۇۋېلىشنى چەكلەش توغرىسىدا ككپ قېتىم پەرمان ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي ئىجرا قىلىنمىغان. مىلادى Ⅸ ئەسىردىن G; ئەسىرگىچە يەرلىك ۋە چېركاۋنىڭ چوڭ يەر ئىگىلىرى مۈلۈكچىلىكى داۋاملىق تەرەققىي قىلغان بيۇكرات ئاپپارات ۋە قوشۇننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خاندالىق ھۆكۈمرانلىرى باجنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغان. سىرتقا قارىتا 1018-يىلى بۇلغارىيە پادىشاھلىقىنى ئىستېلا قىلغان ھەمدە رۇسلار بىلەن سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى قىلغان، كونستانتىنبورگ يەنىلا ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى ئەڭ ئاۋات شەھەر ۋە شەرق بىلەن غەبنىڭ سودا مەركىزى بولۇپ قالغان. ماكېدونىيە خاندانلىقىنىڭ ھەرقايسى كورۇلللىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ تەختتە تۇرغان يىللىرى: باسىل Ⅰ (867 - 886)، لېئو Ⅵ ئاقىل (886 - 912)، ئالېكساندر Ⅱ (912 - 913)، كونستانتىن Ⅶ (912 - 959)، رومانۇس (919 - 494) كونىستانتىن Ⅶ بىلەن شېرىك كورۇل بولغان(، رومانوس Ⅱ )959 - 963(، نىكپورۇس Ⅱ پوكاس )963 - 969( جون Ⅰ زىمىسكېس )969 - 697(، باسىل Ⅱ)976 - 1025(، كونستانتىن Ⅷ )1025 - 1028(، رومانۇس Ⅲ )1028 - 1034( مىخائېل Ⅳ )1034 - 1041(، كونستانتسىن Ⅸ )1042 - 1055(.