UyghurMain Dictionary
ماجۇنشى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مىڭ سۇلالىسى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مۇددەرىس. جاڭنىڭ (ھازىرقى نەنجىڭ) لىق. خۇيزۇ. كىچىكىدە شېئىرىيەت كىتابلىرىنى ئوقۇغان. كېيىن چاڭئەنگە بېرىپ جاڭ شياۋشەننىڭ قولىدا بىلىم ئاشۇردى. ئۇستازى بىلەن دىياۋيۈيگە قايتىپ بېرىپ، 5 - 6 يىل دىن ئوقۇدى. ئوقۇشنى تاماملاپ يۇرتىغا بېرىپ مەكتەپ ئېچىپ شاگىرت تەربىيىلىدى. بىلىمگە بېرىلىپ، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ئوقۇيدىغانلار كۆپەيدى. شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار ئىچىدە <بىدئەتلىك> ھادىسىلىرى مەۋجۇت، دەپ قاراپ، <ئىسلام دىنى تەلىماتلىرى> نى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، كىشىلەرگە بىلدۈردى. جېجاڭدىكىلەر بۇنىڭدىن كۆپ مەنپەئەت ئالدى. چاڭ جىمېي، لى دىڭخۇەن، مامىڭلۇڭلار بىلەن بىر قاتاردىكى ئۆلىما ھېسابلاندى.