UyghurMain Dictionary
ماجۇ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1640 - 1711)مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن ئۆلىما. يۈننەن جېنچى (ھازىرقى باۋشەن) لىك، خۇيزۇ. ئۆزىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى دەيدۇ. كىچىكىدە يىتىم قېلىپ چوڭ بولغان. 18 يېشىدا نەنمىندىكى يۈن لىدىغان مۇلازىم بولغان. شۇنجۇنىڭ 18 - يىلى (6116) يۈن لىدىنى ۋۇسەنگۈي ئۆلتۈرۋەتكەندىن كېيىن، خىلۋەتتە بىلىم تەھسىل قىلىپ، بۇددا نوملىرىنى ئوقۇغان. كاڭشىنىڭ 4 - يىلى (1665) يۈننەندىكى مەشھۇر زات خې گۇەنۋۇ بىلەن تونۇشۇپ، نۇرغۇن بىلىم ئالدى. يەتتە يىلدىن كېيىن يۈننەندىن بېيجىڭغا بېرىپ، مۇددەرىسلىك قىلدى. كېيىن يۈننەنگە قايتىپ، شاگىرتلىرىغا <نىيەت تەلىماتى> ھەققىدە دەرس ئۆتتى. كاڭشىنىڭ 12 - يىلى (1682) <ئىسلام قىبلىنامىسى> نى يېزىپ بولۇپ، خانغا سۇنماقچى بولغان بولسىمۇ، نەتىجىسى بولمىدى. ئىككىنچى يىلى خېبېي، شەندۇڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇي، خۇبېي، شەنشى، سىچۇەن قاتارلىق جايلارنى ئالتە يىل ئايلىنىپ، ئىسلام ئۆلىمالىرى بىلەن تونۇشتى. مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولدى. ۋاڭ دەييۈي، ليۇجى، مافۇچۇلار بىلەن بىر قاتاردىكى خۇيزۇ ئۆلىماسى ھېسابلاندى.