UyghurMain Dictionary
لېۋسكىي
دۇنيا تارىخى
(1837 - 1873) بولغارىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئەسلى ئىسمى ۋاسىل ئىۋانوۋ كۈنچېۋ. قول سانائەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دادىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كېتىپ، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە تۇرمۇشى جاپالىق ئۆتكەن، چېركاۋنىڭ دىياكۇنى بولغان. 1861 - يىلى ئەتىيازدا بېلگرادقا كېلىپ راكوۋىسكىينىڭ پىدائىيلىرىجۈنتۈەنىگە قاتناشقان. 1864 - 1866 - يىللىرى بۇلغارىيگە قايتىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچى بولغان. 1867 - يىلى تۈركىيىگە قارشى پارتىزانلار پائالىيىتىگە قاتناشقان، 1868 - يىلى بېلگراد ھەربىي مەكتىپى (2 - جۈنتۈەن)گە كىرگەن، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا بۇلغارىيە قايتىپ كېلىپ، ئىنقىلابىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. 1870 - يىلى 5 - ئايدا، يەرلىك ئىنقىلابىي كومىتېت قۇرۇشنى باشلىغان ھەمدە ئىنقىلابىي مەركىزىي كومىتېت قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. خەلقنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1872 - يىلى خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.